⭕️ خىتاي تاراتقۇلىرى؛ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 8-چېسلا قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
🗣 مۇخبىر: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، تۈركىيە تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا ئىستانبۇل چېركاۋى ھۇجۇمىدا 25 گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى تەستىقلىغان ، ھەمدە ئۇلارنى «تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقان» ۋە «قەستەن ئادەم يارىلاندۇرغان» دەپ ئەيىبلىگەن. گۇماندارلارنىڭ بىرى تۈركىيە پۇقراسى بولغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» («شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى») ۋە «ئىسلام دۆلىتى» بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان خىتاي پۇقراسى ئىكەن. بۇنىڭغا خىتاي دائىرىلىرى قانداق قارايدۇ؟
❌ ۋاڭ ۋېنبىن: بىز مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارغا دىققەت قىلدۇق. «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» ۋە «تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تەشكىلات خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قاتار زوراۋانلىق تېرورلۇق دېلولىرىنى پىلانلىغان ۋە يولغا قويغان. بۇ تەشكىلات خىتاي تەرىپىدىن قانۇن بويىچە ئېتىراپ قىلىنغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تىزىمغا ئېلىنغان تېرورلۇق تەشكىلاتى.
⭕️ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» «ئىسلام دۆلىتى» ، «بازا» ۋە «بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيىسى» قاتارلىق خەلقئارالىق بۆلگۈنچى كۈچلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى. ھەمدە ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە رايونلاردا بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قاتناشتى. تېرورلۇق پائالىيەتلىرى خىتاينىڭ چەتئەل مەنپەئەتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىد بولۇپلا قالماي ، يەنە ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان سالىدۇ.
⭕️ تېرورلۇق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ئالاقىدار دوكلاتلار «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تېرورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە زەربە بېرىش خىتاينىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى يادرولۇق ئەندىشىسى ، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
⭕️ خىتاي تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن تېرورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە قەتئىي زەربە بېرىپ ، خەلقئارا ۋە رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.