مىسىرغا تەۋە ئىككى بىخەتەرلىك مەنبەسىنىڭ ئېيتىشىچە ، مىسىر يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە سىناينىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 40 تانكا ۋە برونېۋىك ئەۋەتكەن.
بۇ جىددىيلىك ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافاھغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىشتىن بۇرۇن باشلانغان. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇ ئارمىيەگە رافاھ رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ۋە بۇ رايوندىكى پەلەستىنلىكلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ، مىسىردىكى ئابدۇل فەتتاھ سىسى ھۆكۈمىتى يەر ئاستىغا 6 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا سىم بىلەن ئورالغان بېتون چېگرا تېمى ياسىدى. مىسىر يەنە رايوندىكى چېگرا پونكىتلىرىدا توساقلارنى كۆپەيتىپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتتى.
بۇ رايوندا سېلىنغان تامنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدىن قېچىپ مىسىرغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مىسىر ۋە ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى بۇ توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، مىسىر ئارمىيىسىنىڭ بۇ رايونغا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى غەززە خەلقىنىڭ مىسىرغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان.