1-ئاينىڭ ئاخىرىدا غەززەدە غايىب بولغان ئالتە ياشلىق بىر قىزنى قۇتۇلدۇرماقچى بولغان بىر قانچە تۇغقانلىرى ۋە ئىككى جىددىي قۇتقۇزۇش خادىمى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغان.
ھىند راجاب ھاممىسى ، تاغىسى ۋە ئۈچ نەۋرە ئاكىسى بىلەن شەھەردىن قېچىپ كېتىۋاتقاندا ، ئۇلار ئولتۇرغان ماشىنا ئىسرائىلىيە تانكىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان بولۇپ تانكا ئۇلارغا قارىتىپ ئۇق چىقارغان.
ھىندنىڭ 15 ياشلىق نەۋرە ئاكىسى لەيان ھامادى بىلەن جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئاۋازلىق خاتىرىلىرى تورغا تارقالدى.
بۇ كىچىك قىز يېنىدىن تاپقان تېلېفونى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى ئۆتۈنگەن بولۇپ، قورال ئاۋازى بىلەن سۆھبەت ئۈزۈلۈپ قالغان.
ھۇجۇم سەۋەبىدىن ھىند ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماشىنىسى پارچىلىنىپ كەتكەن ھالدا تېپىلغان. بىر تېببىي خادىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھىند ماشىنىدىن تېپىلغان ئالتە جەسەتنىڭ ئىچىدە، ھەممىسىدە ئوق ئىزى بار.