ئىگىلىنىشچە ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 28 مىڭ 64 گە يەتكەن.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا قازا قىلغان پۇقرالارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە.
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ غەززەدىكى باياناتىدا ، 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا 28 مىڭ 64 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بايان قىلىندى.
ھۇجۇمدا 67 مىڭ 661 ئادەم يارىلانغان.
گەرچە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ۋە سىياسىي ئورگىنى ھۇجۇملارنىڭ خاماسنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ، ئەمما ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇمات ۋە رەسىملەرگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان باھالاشلار ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى پۇقرالارنى بىۋاسىتە نىشانلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
قازا قىلغانلارنىڭ 70 پىرسەنتىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
10-ئاينىڭ 7-كۈنى غەززە رايونىنى ئېغىر دەرىجىدە بومباردىمان قىلغان ئىسرائىلىيە 27-ئۆكتەبىر قۇرۇقلۇق بىلەن بۇ رايونغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىدى.