
ئىگىلىنىشچە ، 96 ياشلىق ئىسلام ئالىمى شەيخ ئابىدىن ئەييۇپ 7 يىل قامالغان تۈرمىدە ۋاپات بولغان.
تاجاۋۇزچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن قانخۇر سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەتمەكتە.
شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ-كىچىك، ياش-قېرى دىمەستىن نەچچە مىليۇن ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا تاشلاندى، بۇ لاگېرلار قانخور تاجاۋۇزچى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتالدى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خەۋەر قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا ، تەخمىنەن 7 يىل ئىلگىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئىسلام ئالىمى شەيخ ئابىنىن ئەيۇپ ناچار مۇئامىلە ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن تۈرمىدە قازا قىلغان.
96 ياشلىق شەيخ ئەييۇپ تەخمىنەن 30 يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرىدىكى بىر مەسچىتتە ئىمام بولغان.
شەيخ ئەييۇپ يەنە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ ، تەخمىنەن 20 يىل ئىلگىرى پىنسىيەگە چىققان.
ئۇ 2017-يىلى خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. كېسەل بولۇپ قېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دوختۇرخانىدا ياتقان شەيخ ئەييۇپ كېسەل ھالىتىدە 7 يىل تۈرمىدە ياتقان.
شەيخ ئابىدىن ئەيۇپنىڭ نەۋرىسى بوۋىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.