روسىيە يېڭى بىر ئەۋلاد «T-14 Armata» تىپلىق جەڭ تانكىلىرىنى ئۇكرائىنا ئۇرۇش لېنىيىسىدە قوللانغان.
ئىگىلىنىشچە ، روسىيە يېقىندا ئىشلەپچىقارغان يېڭى بىر ئەۋلاد «T-14 Armata» تىپلىق جەڭ تانكىسىنى تۇنجى قېتىم ئالدىنقى سەپكە يۆتكەپ، ئۇكرائىنا نوقتىلىرىنى بومباردىمان قىلغان.
روسىيە دۆلەت ئورگىنى RIA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، تانكىلار ھازىرچە بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، بىۋاسىتە جەڭگە قاتناشمىغان.
بۇ تانكىدا 3 كىشىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىنى خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ تانكا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سائىتىگە 80 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماڭالايدۇ.
Interfax خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 2021-يىلى 12-ئايدا ، دۆلەت مۇداپىئە شىركىتى Rostec تەخمىنەن 40 تانكا ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 2023-يىلدىن كېيىن بۇ تانكىلار ئارمىيەگە يەتكۈزۈلىدىكەن.