«ئىسكەندەر-ې» بولسا روسىيەنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئىستراتېگىيەلىك بالىستىك سىنارەد سېستىمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ باشقۇرىلىدىغان بومبا سېستىمىسى ئاساسلىقى دۈشمەننىڭ ئوت كۈچى توپلاشقان ئورۇنلىرى، ھاۋا مۇداپىيە سېستىمىلىرى، باشقۇرىلىدىغان سىنارەدكە قارشى سېستىمىلىرى، ئايرىدىروملىرى ۋە قوماندانلىق شىتابى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
يۇقارقى باشقۇرىلىدىغان سېستىمىسى ئوق قىسىمى، قويۇپ بېرىش ماشىنىسى، قاچىلاش ۋە توشۇش ماشىنىسى، ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ماشىنىسى، تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش ماشىنىسى ۋە مەشىق ماشىنىسى قاتارلىق قسىملاردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. بۇ باشقۇرىلىدىغان سىنارەد سېستىمىسىنىڭ تەشۋىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە دۈشمەن ھاۋا مۇداپىيە سېستىمىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقۇرى ھېسابلىنىدۇ.
«ئىسكەندەر-ې»تىپلىق باشقۇرىلىدىغان سىنارەدكە ئىنېرتسىيىلىك يول باشلاش سېستىمىسى بىلەن رەسىم ئانالىزى تىپىدىكى يول باشلاش سېستىمىسىنىڭ بىرىكتۈرۈلگەن گەۋدىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنداق بولغان ئوقنىڭ نىشاندىن قېيىپ كېتىش نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى