ئىران ياللانما ئەسكەرلىرى سۈرىيىدىكى «ئەنەس ئىبنى مالىك» كوچا نامىنى «خۇمەينى» گە ئۆزگەرتتى

سۈرىيىدىكى ئىران ياللانما ئەسكەرلىرى جۇغراپىيىلىك ئورۇن ۋە دۆلەت سىمۋوللىرىدىن ئىلھام ئالغان كوچا ۋە كوچا ناملىرىنى شىئىزمنىڭ سىمۋوللۇق ئىسمى بىلەن ئالماشتۇرۇماقتا..

«ئوتتۇرا شەرق» تور بېتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دەير ئەززوردىكى يەرلىك مەنبەلەردىن نەقىل قىلىغان ئۇچۇرغا قارىغاندا ، ئىران ياللانما ئەسكەرلىرى رايوندىكى كوچا ۋە كوچا ناملىرىنى شىئەلەرنىڭ سىمۋولىغا ناملىرىغا ئۆزگەرتىشكە باشلىغان.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (SOHR) بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «ئەنەس ئىبنى مالىك» كوچىسىنىڭ «ئىمام خۇمەينى» گە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ، «ئوردۇ» كوچىسىنىڭ رايوندىكى ئەل ئابباس بىرىگادىسىنى كۆزدە تۇتۇپ «ئىمام ئەل ئابباس» دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭدىن باشقا ، «ئەبۇ گۇرۇب» كوچىسىغا «شەھىد قاسىم سۇلەيمانى» دەپ نام بېرىلگەن. يەنە بىر كوچىنىڭ ئىسمى «فاتىمىييۇن».

2020-10-13

مەنبە: Mepa News  

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top