ياپونىيە يېڭى مۇداپىئە خامچوتىنى ئېلان قىلدى.
يېقىنقى ئايلاردا دۆلەتتە ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باش مىنىستىر يوشىخىدې سۇگا ھۆكۈمىتى مۇداپىئە خامچوتىنى 5 تىرىليون 344 مىليارد يېن (51 مىليارد 700 مىليون دوللار) ئاشۇردى. خامچوت پىلانى يەنە كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بەزى مەلۇماتلاردا، ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرىشى خىتاينىڭ ئۆزلۈكسىز كېڭىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ قارالغان.
خامچوت لايىھىسىنىڭ پارلامېنت تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ قانۇنغا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار. ياپونىيە ئالدىنقى باش مىنىستىر شىنزو ئابې دەۋرىدە ھەربىي چىقىمنى ئاشۇرۇش سىياسىتىنى باشلىغان. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭمۇ بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش تەشەببۇسى كەلگۈسىدە داۋاملىشىدىكەن.
خامچوتتىن باشقا ، ياپونىيەنىڭ يېڭى كۈرەشچى ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ياسىلىدىغان تۈرگە جەمئىي 40 مىليارد دوللار يۆتكىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. دەسلەپتە بۇ خامچوتقا 706 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىلدى.
دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئوكىناۋا تاقىم ئارىلىنى قوغداش ئۈچۈن پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشقا 323 مىليون دوللار ، ئامېرىكىدىن 6 دانە F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋالغانغا 628 مىليون دوللار. بۇنىڭدىن باشقا ، ياپونىيە Aegis ھاۋا ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش رادارى سەپلەنگەن يەنە 2 قوغلىغۇچى پاراخوت سېتىۋالىدۇ. شۇڭا ، بۇ ئۈسكۈنىلەر بىلەن دۆلەتتىكى پاراخوتلارنىڭ سانى 10 گە يېتىدۇ.
ياپونىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن رىقابىتى بىلەن پاراللېل ھالدا بۇ رايوندىكى ھەربىي ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرىدىغانلىقى شەرھلەندى.
2020-12-22
مەنبە: Mepa News