810
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ يەكشەنبە كۈنى تەيۋەن بىلەن «تىنچ بىرلىشىش»، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي قەدەم تاشلاشقا ۋەدە بەردى، تەيبېي بۇنىڭغا جاۋابەن ، بېيجىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ «دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ۋەدىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
دېموكراتىك تەيۋەننى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ دەۋا قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئارالغا يېقىن ھەربىي پائالىيىتىنى كۈچەيتىپ ، تەيۋەننىڭ ئاساسلىق خەلقئارالىق قوللىغۇچىسى ۋە قورال بىلەن تەمىنلىگۈچسى بولغان ۋاشىنگتون بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى «تىل بىرىكتۈرۈش» ھەركىتىگە دەپ جاۋاب قايتۇرۇپ كەلدى.
ئاۋغۇستتا ، خىتاي ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تەيبېي زىيارىتىگە جاۋابەن تەيۋەن ئەتراپىدا ئۇرۇش مانېرىۋى ئېلىپ باردى.