1.2K
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگوندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: بىزنىڭ تۈركىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈچلۈك مۇناسىۋىتىمىز بار؛ بىز بۇنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.