ئافغانىستاندا ئىككى ھەربىي تىكئۇچار چۈشۈپ كەتتى

ئىگىلىنىشچە ، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى كابۇل ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە تەۋە ئىككى تىكئۇچار ھاۋادا سوقۇشۇپ كەتكەن.

يەرلىك مەنبەلەردىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھىلمېن ئۆلكىسىنىڭ نېۋا رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە تەۋە ئىككى دانە Mi-17 تىكئۇچار ئايروپىلانى سوقۇشۇپ كەتكەن.

تىكئۇچارلارنىڭ بۇ رايونغا ئالاھىدە قىسىم كوماندىرلىرىنى چۈشۈرۈپ قايتىشىدا يەرلىك خادىملارنى ئېلىپ ماڭغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ تىكئۇچار ئايروپىلاندىكى 15 نەپەر ئادەم ئۆلگەن.

ھىلمېن ئۆلكىسىدە ، تالىبانلار ئالدىنقى كۈنى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، كابۇل ھۆكۈمىتىگە تەۋە ھەربىي بازا ۋە مەركەزلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى كونترول قىلىغان.

2020-10-14

مەنبە: Mepa News

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ