تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ سوچىدا

 مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان فوتو سۈرەتلىك باياناتىدا،: «تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سوچىغا يېتىپ كەلدۇق.»

يىغىنغا، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلگەنىدى: «ئورتاق ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسى يىغىنىدا، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە. يىغىندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا، <2021 – 2022 – يىللىق كېڭەش پىلانى> ئىمزالىنىدۇ.»

2020-12-29

مەنبە: Mepa News / TRTHABAR

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ