مەنبە: euronews
چارشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ….
دۇنيادىكى ئەڭ باي سودىگەرلەرنىڭ بىرى ، شۇنداقلا ئەلى بابا ۋە چۈمۈلە گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى جەك مايۇن سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان 2021-يىلدىكى بايلار تىزىملىكىدە «خىتايدىكى ئەڭ باي سودىگەر» دېگەن نامدىن ئايرىلدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى يېقىنقى ئايلاردا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ شىركىتىگە قىلغان تەكشۈرۈشى ۋە بېسىمى نەتىجىسىدە داڭلىق سودىگەر ئارقىدا قالدى.
خۇرۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ دۇنياۋى تەتقىقاتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان تىزىملىككە قارىغاندا ، خىتاي بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان جەك مايۇن بۇ يىل تۆتىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.
مايۈن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 2020-ۋە 2019-يىللىرى خۇرۇن يەرشارى بايلار تىزىملىكىدە خىتايدىكى ئەڭ باي كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
ئەمما ھازىر بوتۇلكىلىق سۇ ئىشلەپچىقارغۇچى نوڭفۇ بۇلىقىنىڭ خوجايىنى جوڭ شەنشەن تېڭشۈن پاي كونتروللۇقىنىڭ خوجايىنى پونىي ما ۋە ئېلېكترونلۇق سودا Pinduoduo نىڭ خوجايىنى كولىن خۇاڭدىن كېيىن تۆتىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.
ئۇ ئالدى بىلەن سودىگەر جەك ماينىڭ ئۆكتەبىردە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە دۆلەت بانكىلىرىنى تەنقىد قىلغان كېيىن سىرلىق غايىب بولۇپ 2 ئايدىن كېيىن ئوتتۇرغا چىققتى.
يوقاپ كەتكەن خىتاي سودىگەر جەك مايۇن نەچچە ئايدىن كېيىن پەيدا بولدى
ئۇلارنىڭ شىركەتلىرىنىڭ يېقىندا بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن ماركا تاقاشقا مەجبۇرلانغانلىقى بايان قىلىنغان.
جەك ماييۇن خىتاي بانكا مۇلازىمىتىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن ، بازار قىممىتى 37 مىليارد دوللار بولغان ANT گورۇھىنىڭ ئاشكارا تارقىتىلىشىمۇ توختىتىلدى.
ئۇنىڭ بايلىقى يېقىنقى ئايلاردا 11 مىليارد دوللار زىيان تارتتى
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى كېننىت روت تىۋىتتېردا يوللىغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى جەك مايۇن خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى تەنقىد قىلغان نۇتۇقتىن كېيىن ئىككى ئاي گۇمانلىق غايىب بولۇشى ، خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن ئۇ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ساپ مۈلكى 62 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان مايۈنگە تەۋە شىركەتلەر يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە پاي چېكى بازىرىدا 11 مىليارد دوللار زىيان تارتتى. ئەلى بابانىڭ شياڭگاڭدا بازارغا سېلىنغان پاي چېكىمۇ تۆۋەنلىدى.