يېقىنقى كۈنلەردە DARPA بەرگەن دوكىلاتتا، نېرۋا بىلەن باشقۇرۇش سىنىقى 2016-يىلى 6-ئايدىن 2017-يىلى 1-ئايغىچە پىتتىسبۇرۇگدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ تەجىربىدە ئاساسلىقى تەجىربىگە قاتنىشىشنى ئۆزى خالاپ قوبۇل قىلغان قاتناشقۇچىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ مېڭىسىگە تەجىربىگە ئائىت قۇرۇلمىنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق تەپەككۇر بىلەن ئايروپىلاننى كونتىرول قىلىش سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان. DARPA نىڭ بۇ تېخنىكىسىدا ئادەم مېڭىسىنىڭ بەزى ئوي خىياللىرىنى دىرون ئۇچقۇسى سېستىمىسى چۈشىنەلەيدىغان كود قىلىپ يىزىپ چىققان، ئەگەردە دىرون ئۇچۇر جەريانىدا بىرەر توسالغۇغا ئۇچىرىسا يوللايدىغان سىگىنالى ئادەم چوڭ مېڭىسىنى غىدىقلاپ كۈچلۈك بىر تۇيغۇ پەيدا قىلغان.
ھازىرقى كۈندىكى تەجىربىنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا بىر شەخىس پەقەتلا بىر قېتىمدا بىر دانە دىرون ئۇچقۇسى بىلەن غۇۋا ھالدا مېڭىدا ئالاقە قىلالايدىكەن، بۇ ھازىر دۇچ كەلگەن يالغۇز بىرلا مەسىلە ئەمەسكەن.
ئارىزونا شىتاتلىق ئۇنۋېرستىتنىڭ نېرۋا ئىنجىنېرى بۇلادىر.گېئورگىنىڭ بىلدۈرىشىچە ، بۇ سىناقنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقى، بولۇپمۇ ئادەم مېڭىسىگە ئېلىكتىرونلۇق قۇرۇلما كۆچۈرۈش ئارقىلىق تەجىربە ئېلىپ بېرىشنىڭ بەلگىلىك خەتەرگە ئىگە ئىكەنلىكى، دىرون ئۇچقۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالاقە ئۇچىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن گوگېل دەرىجىلىك IT قۇرىلمىسىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ناۋادا راستلا بۇ تەجىربە ئوڭۇشلۇق بولۇپ، بەزى مەسىلىلەر ھەل قىلىنسا بۇ تېخنىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيە ساھەسىگە بۆسۈش خارەكتىرلىك تەرەقىيات ئېلىپ كىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى