تولۇق ئىسمى ئەبۇلقاسىم ئابباس ئىبنى فىرناس ئىبنى ۋىرداس ئەل-تاكۇرىنى. مىلادىيە 810-يىلى ئەندەلۇسنىڭ ئىزىن رەند ئوندا دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. بەربەر مىللىتىدىن بولۇپ 887-يىلى قۇرتۇبەدە ۋاپات تاپقان داڭلىق ئالىم. ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇ ياشىغان دەۋىر ھەم ئىسلامنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ياراتقان بولۇپ، ئۇلاردىن ئەل-مەقتا دەپ ئاتىلىدىغان سۇ سائىتى. ئۇ يەنە سۈزۈك ئەينەك ياسايدىغان ئۇسۇللارنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى لوپ ئەينەككە ئوخشىشىپ كىتىدىغان كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەينەكلەرنى ياسىغان. ھەمدە خىرۇستال بۇيۇملارنى كىسىدىغان تېخنىكىنى ھەم كەشىپ قىلىپ چىقىپ شۇ ۋاقىتتىكى ئەندەلۇس دۆۋلىتىنىڭ مىسىرغا مۇشۇ ساھەدە چۈشكەن ئېھتىياجىدىن چىققان.
ئابباس ئىبنى فىرناس ۋاپات تېپىپ 7 ئەسىردىن كېيىن ئالجىرىيەلىك تارىخشۇناس ئەھمەد.مۇھەممەد.مەققارى ئۆزىنىڭ تارىخقا ئائىت ماقالىلىرىدە ئابباس ئىبنى فىرناس ئائىت مەزمۇنلارنى نەقىل قىلغان. ئۇ كىشى مۇنۇلارنى كەلتۈرگەن:
«ئابباس ئىبنى فىرناس ھاياتىدا ئېلىپ بارغان تەرجىربىلىرى ئىچىدە ئەڭ ھەيران قالارلىقى بولسا ئۇچۇش سىنىقى. ئۇ پەيلەر ئارقىلىق چوڭ قانات ياسىغان ھەمدە ئۇ قاناتنى ئۆزىنىڭ بەدىنىگە ياخشى ئورۇنلاشتۇرغان. ھەمدە ئۆلىمالارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى(پەتىۋاسىنى) ئالغىنىدىن كېيىن ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئىگىز يەردىن تاشلىغان ئاتقان. اللەنىڭ رەھمىتىدە مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇچالىغان، ئۇچۇشى ھەم كۆركەم بولغان. لېكىن قونۇش ۋاقتىدا سۈرئەت تېز ھەمدە دەسلەپكى سىنىقى بولغاچقا ئوڭۇشسىز بولۇپ قېلىپ دۈمبە تەرىپى يارلانغان، چۈنكى ئۇ ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا خۇددىي قۇشلارنىڭ قۇيرىقىغا ئوخشاش قونەشە ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان ئەسۋابنى ئۇنتۇپ قالغان.»
9-ئەسىرلەردىكى بىر كۇبلىت ئەرەپچە شېئىردا ئابباس ئىبنى فىرناسنىڭ ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى توغۇرسىدا ئىشارەتلەر بار. شېئىردا تىلغا ئېلىنىشىچە ئىبنى فىرناس تاز قارا نىڭ پەيلىرى ئارقىلىق قانات ياساپ بىلەكلىرىنى شۇ قاناتتىن ئۆتكۈزگەن، ئۇ ئۇچقان ۋاقىتتا سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، سۇمرۇغنىڭكىدىن ھەم تېز ئىدى. ئىبنى فىرناسنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇچىشى كۈنىمىزدىكى پىلانىر ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچىشىغا ئوخشاپ كىتەتتى.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى