ئامېرىكا ”مۇداپىيە ئىشلىرى خەۋەرلىرى“ ژورنىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 12-كۈنىسى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئەگەر ياۋروپادا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش يۈز بەرگەن رايونغا يىتىپ بېرىش ئىمكانىيىتىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكى بىلدۈرىلگەن. ماقالىنىڭ ئاپتورى دەيۋېينىڭ بىلدۈرىشىچە ئامىرىكا ياۋروپادا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان توقۇنۇش ئۈچۈن ئالدىن ئالا ”ئۇل تېشىنى“ ياتقۇزغۇلى تۇردى دەپ تىلغا ئالغان.
ماقالىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، ناۋادا جەڭ ئەتىلا يۈز بېرىپ قالسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئېغىر تىپلىق قوراللىرى ۋە تانكىلىرىنى جەڭ مەيدانىغا توشۇشى ناھايىتى قېيىن بولۇپ قالىدىكەن. چۈنكى ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرى تىرانسپورت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كېمىلىرىنىڭ سانى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشى ۋاقتىدىكىسىگە قارىغاندا كۆپ ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىھەلىرىدىن كاشىلا كۆرۈلۈش قېتىم سانىمۇ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.
دەيۋېينىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ جەڭگە تەييار ھالەتتىكى 46 دانە كېمىسى ئاساسەن ئارمىيەدىن چىكىنىش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان، كونىلىققا قاراپ ماڭغان كېمىلەر ئىكەن، ئۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئادەم مەسىلىسىگە ھەم دۇچار ئىكەن، چۈنكى دېڭىز ئارمىيەسىدىكى ياش تېخنىك خادىملار كونا تىپتىكى ئەسلىھە قۇرۇلمىلارنى ياخشى چۈشەنمەيدىكەن، تەجىربىلىك ھەمدە ئىقتىدارلىق تېخنىك خادىملارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پىنسىيەگە چىقىش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قاپتۇ. ناۋادا ئامېرىكا ياۋروپاغا يىتەرلىك دەرىجىدە ئەسكەر يۆتكىيەلىگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنى تولۇق ئەسلىھەلەندۈرۈش يەنە بىر مەسىلە بولغان. بۇنىڭغا بىرلىكتە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى سىتارشى لېيتنانتى جېررىي.ھېندىرىكىس ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئەسكىرى ساھەدىكى مۇسابىقىگە بەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، بۈگۈنكىدەك ئەسكىرى تىرانسپورت ئىشلىرى ناھايىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان كۈندە، چوڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلار ئۈچۈن پويىز ۋە پاراخوتقا ئوخشاش تىرانسپورت ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلىمىسا، ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئەسكىرى ساھەدىكى مۇسابىقىگە سالاھىيىتى توشمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئامېرىكا مەدبۇئاتلىرىدا بۇ خىل ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشقا باشلىشى ئامېرىكىنىڭ ئەسكىرى ساھەنى يەنە بىر كۈچەيتىپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ”ئەسكىرى مۇسابىقە“ ئوتتۇرغا چىقىرىشنىڭ ئالامىتىمۇ قانداق؟؟
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى