بۇ كىتاب خىتاي تارىخىدىكى تۇنجى ئەسكىرى ساھەگە ئالاقىدار ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتابنىڭ تۈزىلىشى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، توغرىراقى بۇ كىتاپ سۈنزىدىن كېيىن ئۆتكەن شاگىرتلىرىنىڭ سۈنزىنىڭ سۆزلىرىنى، قول يازمىلىرىنى رەتلەپ ئاخىرىدا بىر كىتاب بولۇپ پۈتۈپ چىققان دەپ قارىلىدۇ، كىتابنىڭ پۈتۈپ چىققان ۋاقتىمۇ بەگلىكلەر دەۋىرىگە توغرا كېلىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
بۇ كىتاب جەمئى 5000دىن كۆپراق خەت، 13 بابتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ھەجىمىنىڭ كىچىك بولىشىغا قارىماي مەزمۇنى چوڭقۇر، نەزەر دائىرىسى كەڭرى، لوگىكىلىقى كۈچلۈك ھەمدە شۇ دەۋىردىكى ئەڭ نادىر ئەسكىرى ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرغا چىقارغان. بۇ كىتاب بۈگۈنگىچە ئاساسلىقى خىتاي، قوشۇمچە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىتىراتېگىيلىك ئەسكىرى ۋە سىياسى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا پايدىلىنىدىغان مۇھىم ماتىرتالى بولۇپ قالدى. چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن نوپۇزلۇق ھەربى ئۇنۋىرستىتلاردا مۇھىم ئوقۇشلۇق ھېسابىدا دەرىسلىك قىلىنىۋاتىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى دۈشمىنىمىز خىتتاي ئۆز مەدىنىيەت مىراسلىرى ئىچىدە [سۈنزى ھەربى ئىشلار دەستۇرى]نى ئەڭگۈشتەر ھېسابىدا كۆرۈپ قەدىرلەيدۇ ھەمدە بۇ كىتابنى ئۆزىنىڭ جەڭ ئىشلىرى ۋە سىياسىي كۈرەش يوللىرىدا مەسلەك قىلىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ. مېنىڭ يۇقارقى بايانلىرىم قانداقتۇر خىتاينى ماختىغانلىق ياكى ئىدىلوگىيەسىنى تەشۋىق قىلغانلىق بولماستىن، تارىخى دۈشمىنىمىز بولغان خىتاينى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈش، سىياسىي ھىيلىلىرىنى بايقاش ۋە تاقابىل تۇرۇشتا كۆپ مەنپەئەتى تېگىدۇ دەپ قارايمەن. شۇ ۋەجىدىن يۇرتۇغ سەھىپىسىگە پۇرسەت تاپقان ۋاقىتلىرىمىزدا [سۈنزى ھەربى ئىشلار دەستۇرى]دىن مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرۇشنى لايىق كۆردۇق. اللەدىن ئىشلىرىمىزغا ئاسانچىلىق تىلەيمىز.
سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرىدىن ئۈزۈندىلەر:
تېما: جەڭدىن بۇرۇن ئويلىشىش مۇھىم بولغان بەش ئامىل
جەڭ قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆزىدە ئەتراپلىق بولغان ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەرنى ھازىرلاش كېرەك بولىدۇ، سىز ئويلاشمىسىڭىز بولمايدىغان ئىشلاردىن بەشى بولۇپ ئۇلار جەڭنىڭ بىۋاستە ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسۈتۈپ قويىدۇ.
● ئۇ ئىشلارنىڭ بىرىنجىسى «خەلىقنىڭ قوللىشى» ياكى «خەلىق بىلەن پادىشاھنىڭ مۇناسىۋىتى». سۈنزى ئۆزىنىڭ دەستۇرىدا بىر قېتىملىق جەڭنى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن دۈشمەن تەرەپنىڭ پادىشاسى ۋە خەلقى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە بىر قاراپ چىقىش، ئۆزىنىڭ ھەم بۇ جەھەتتىكى كەمچىللىكلىرىنى تولۇقلاپ خەلىقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنىڭ لازىملىقىنى تىلغا ئالغان، شۇنداق بولغاندىلا جەڭ قىلغۇچى قوشۇننى خەلىق ھىمايە قىلىدۇ ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ.
● ئىككىنجى ئىش بولسا «ھاۋا رايى» ۋە «كىلىمات»نىڭ جەڭگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى. مەيلى قەدىمكى ۋاقىتلاردا بولمىسۇن ياكى ھازىر بولمىسۇن ھاۋا رايىنىڭ جەڭگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بەك زور، شۇ سەۋەبلىك ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ھاۋا،دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۈچۈن مەخسۇس مېتىرولوگىيە ئىستانسىلىرى تەئسىس قىلىنغان، جەڭ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن جەڭ قىلماقچى بولغان رايوننىڭ ھاۋا كىلىماتى ئەھۋالاتىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئانالىزقىلىپ جەڭ قىلغۇچى قىسىملارغا يوللاپ تۇرىدۇ.
● ئويلۇشۇش كېرەك بولغان ئۈچىنجى مۇھىم ئىش بولسا «يەر شەكلى». يەرشەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشىمىغان جەڭ قىلىش ئۇسلۇبلىرى ۋە تاكتىكىلىرى بارلىققا كەلگەن بولىدۇ. جەڭ مەيدانىنىڭ يىراق يېقىنلىقى، ئىگىز ياكى تۆۋەنلىكى، ئوڭغۇر دوڭغۇر ياكى تۈز بولىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىنى ياخشى چۈشىنىشىمىز كېرەك، يەنى يەر شەكلىنى رازۋىتكا قىلىش بەك مۇھىم. سۈنزى جەڭ مەيدانىدا كۆپ ئۇچىرايدىغان يەر شەكىللىرىنى بىر قانچە تۈرگە بۆلگەن.ئۇلار بولسا:
■ قولايلىق يەر(通地) : بىز ئۈچۈن قولايلىق بولغان، دۈشمەن ئۈچۈن ھەم قولايلىق بولغان يەر شەكلى.
■ تۇيۇق يەر: خۇددى خالتا كوچىغا ئوخشايدۇ، كىرىش ئاسان، لىكىن يېنىپ چىقىش بەك قېيىن
■ چەكلىك يەر: دۈشمەن تەرەپ ھەم پايدىلىنالمايدىغان، بىز ھەم پايدىلىنالمايدىغان.
■ تار يەر: يەنى ئەتىراپى خەتەرلىك جىلغا ئورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.
■ خەتەرلىك يەر: ئەتىراپى ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان، ۋادى ئورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.
■ يىراق يەر: جەڭ قىلماقچى بولغان ئىككىلى تەرەپ ئۈچۈن ئارلىقى ئۇزۇن مۇساپىلىك ئورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ.
● ئويلۇشۇش كېرەك بولغان تۆتىنجى ئىش بولسا «قوماندان(ئەمىر)» . سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرىدا كەلتۈرۈلىشىچە جەڭلەرگە رەھبەرلىك قىلىدىغان قومانداندا بەش تۈرلۈك پەزىلەت ھازىرلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇلار بولسىمۇ «پاراسەت، ئىشەنچ، رەھىمدىللىق، شىجائەت ۋە كەسكىنلىك» . قومانداننىڭ يىتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى جەڭنىڭ بىۋاستە نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردىن. قوماندان بولغان كىشى جەڭ تەدبىرلىرىگە ماھىر بولىشى، پەم-پاراسەت ئەھلى بولىشى، قول ئاستىدىكىلىرىگە تەلەپچان ۋە كۆيۈمچان بولىشى، قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە نائىل بولغان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
● جەڭدىن بۇرۇن ئويلىشىدىغان بەشىنجى ئامىل بولسا قورۇننىڭ تەرتىپ نىزاملىرى. قوشۇننىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىغا ۋە تەرتىپ تۈزۈملىرىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك. ھەر بىر شەخىس مەسئۇلىيەتچان بولىشى، ھەق ھوقۇقلارغا رىئايە قىلىنغان بولىشى، مۇكاپات ھەم ئېنىق، جازا ھەم ئېنىق بولىشى ۋە يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك.
بۇ تېمىدا تەكىتلەنگەن مۇھىم نەرسە بولسا، جەڭ ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەمدە دۈشمىنىمىزنىڭ يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان بەش نەرسە ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى، سەۋىيەسى ۋە ئەھۋالاتى ئېنىقلىنىشى، تەپەككۇر قىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ كەمچىللىكىنى تولۇقلاش، ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىش ھەمدە دۈشمەننىڭ ئاجىزلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى تەدبىرلەر ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى