قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى دۆلەت ئارمىيەلىرى ئىچىدىكى بىر چوڭ ئارمىيە تۈرى ھېسابلىنىدۇ، ئاساسلىقى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىدىغان قىسىملارنى كۆرسىتىدۇ. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئەڭ قەدىمى ئارمىيە تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ، ئارمىيە ياكى قوشۇنلار مەۋجۇد بولغاندىن تارتىپلا قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى كۈچلەر تەڭ مەۋجۇد بولۇپ كەلگەن. سوغۇق قوراللار دەۋىرىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئاساسلىقى ئوقياچى قىسىم، ئاتلىق قوشۇن ۋە پىيادە قىسىملاردىن تەركىپ تاپاتتى.
1-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرى ئاساسلىقى ماتورلاشقان قىسىم ۋە مېخاينىكىلاشقان قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. ھازىرقى زامان قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرى بولسا پىيادە قىسىم، ئاۋىئاتسىيە قىسىمى، توپچى قىسىم، بىرونىۋېكچى قىسىم(تانكا قىسىمى) قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىگە سەپلىنىدىغان ئاساسلىق قوراللاردىن يەككە كىشىلىك قوراللار، تانكا-بىرونىۋىكلار، باشقۇرىلىدىغان سانارەدلەر، تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئۇچقۇچىسىز جاسۇس ئايروپىلانى، ئىستراتېگىيلىك توشۇغۇچى ئايروپىلان قاتارلىقلار. ئىستراتېگىيەلىك تەمىنات يەتكۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۆلچەمگە ئايلانغان. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوتتۇرغا قويغان تېز سۈرئەتتە يەرشارى خارەكتېرلىك زەربە بېرىش لاھىيەسىدە ئۇقتۇرۇلىشىچە، 96 سائەت ئىچىدە بىر بىرگادا ئەسكەرنى، 120 سائەت ئىچىدە بىر دېۋىزيە ئەسكەرنى، 30 كۈن ئىچىدە بەش دېۋىزيە ئەسكەرنى يەرشارىنىڭ ھەرقانداق يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
1991-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە داۋاملاشقان، ”قولتۇق ئۇرۇشى“ دەپ ئاتالغان ئۇرۇشتا، 42كۈن ئىچىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتپاقداش ئارمىيەنىڭ توشۇغۇچى قىسىمى 29 دېۋىزيە(تەقرىبەن 500مىڭ كىشىلىك قوشۇن)نى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېراق ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن جەڭگە ئەۋەتكەن. بۇ نەتىجە ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى