📜 تارىخقا نەزەر..
بۇ ماقالەمدە ‹‹قۇدادغۇبىلىك››تىن ئىبارەت سۈيى مەڭگۈ ئۆركەشلەپ ئېقىپ تۇرىدىغان سۈپ-سۈزۈك دەريانىڭ ئاستىدا ئادەمنىڭ كۆزۈنى قاماشتۇرۇپ چاقناپ تۇرغان ھەددى-ھېساپسىز ئېسىل گۆھەر،ياقۇت،مەرۋايىتلارنىڭ بىر دانىسى توغىرسىدا توختالماقچىمەن. ئۇ ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەربىي تەدبىرلەر توغىرسىدا››دىن ئىبارەت. يۈسۈپ خاس ھاجىپ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىدادۆلەتنى ئەقىللىق،بىلىملىك،ئەخلاقلىق ،قابىلىيەتلىك ئادەملەر بىلەن(ئادالەتنى ئاساس قىلغان) قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغاندىن تاشقىرى قېلىچ(ھەربىي كۈچ) ئارقىلىق باشقۇرۇشنىمۇ ئالغا سۈرىدۇ.
قېلىچ بىرلە كەسسۈن يېغى بوينىنى،
قانۇن بىرلە تۈزسۈن ئېلى-خەلقىنى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ‹‹قۇدادغۇبىلىك›› داستانىدا ئوتتۇرا ئەسىر شارائىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،خېلى سېستىمىلىق ھەربىي تەدبىرلەرئوتتۇرغا قۇيۇلغان.بۇنداق ھەربىي تەدبىرلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە بولسىمۇ ناھايىتى ئۈزە ھالدا بايان قىلماقچىمەن.
قوشۇننىڭ تەركىبى توغىرسىدا
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا،قاراخانىلارنىڭ قوشۇنلىرى ئوردامۇھاپىزەتچىلىرى،ئالاھىدە قوشۇن،خان جەمەتىگە مەنسۇپ قوشۇنلار بىلەن بەگلەر ۋەدۆلەتنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرىنى باشقۇرىدىغان قوشۇنلار،دۆلەتكە تەۋە قەبىلىلەرنىڭ خانلىرى باشقۇرىدىغان قوشۇنلاردىن تەركىپ تاپقان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوردا مۇھاپىزەتچىللىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ چۈشەندۈرگەن.ئوردىنى كۈندۈزى مۇھاپىزەت قىلىدىغان قاراۋۇللارنى‹‹تورغاق››(قۇۋۇقچى)،كېچىسى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلارنى‹‹ياتقاق››(كۈزەتچى)دەپ ئاتىغان.
قۇۋۇقچى،گۈزەتچى بىلەن كۈن ۋە تۈن،
بولۇپ قىلدى خىزمەت ئۇ سادىق پۈتۈن.
بۇنىدىن تاشقىرى ئۇرۇش ۋاقتىدا قاراخانىيلار بۇغراسىنىڭ قارارگاھىنىڭ ئەتىراپىداتۇرىدىغان قۇمانداننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە،قوشۇننىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى،بۇيرۇقسىزچېكىنىپ كەتمەسلىكىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان‹‹يۇرتۇغ››(قورۇغداش قىسىمى)دەپئاتىلىدىغان قىسىم تەشكىل قىلىناتتى. بۇنداق قوشۇننىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسىقاراخانىيلار بۇغرالىرىنى قوغداش ئىدى.بۇ ئالاھىدە قوشۇننىڭ سانى 12مىڭ جەڭچىدىن تەركىپ تاپىدىغانلىقى مەلۇم. قاراخانىيلارنىڭ خان جەمەتىگە مەنسۇپ قوشۇنلىرى بىلەنبەگلەر ۋە دۆلەتنىڭ باشقا كىشىلىرى باشقۇردىغان قوشۇنلار، قەبىلە خانلىرى باشقۇرىدىغان قوشۇنلار ئەھۋالغا قاراپ بەزىدە ئۆز ئالدىغا ياكى بىرلىكتە ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باراتتى. خان جەمەتىدىن بولغان شاھزادىلەر كۆپىنچە ئىلىكخانلىق ھوقوقىغا ئىگە بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەلۇم رايۇنلىرىغا ھۆكۈرانلىق قىلاتتى. ئىلىكخانلار بەزىدە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان رايۇنغا چەتتىن ھوجۇم بولۇپقالغاندا،ئۆزى باشقۇرۇپ تۇرغان قوشۇنلار بىلەنلا دۈشمەنگە تاقابىل تۇراتتى.
⚔️ئۇرۇشنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغىرسىدا⚔️
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇرۇشنى قانداق ئېلىپ بېرىش توغىرسىدا سۆزلىگەندە،بىر قاتارتەشكىلىي ئىشلار ۋە ئۇرۇشنىڭ ئىستىراتىگىيە،تاكتىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي تەدبىرلەر توغىرسىدا تەپسىلىي توختالغان.بۇنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نوقتىغا بۆلۈپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن.
1.ھەربىي كېڭەش چاقىرىش
ناھايەت چوڭ ئىشتور قوشۇن باشلىماق ،
تۈزەپ لەشكىرىن،ياۋنى قىرىپ تاشلىماق.
قاراخانىيلار ھەرقانداق بىر ئۇرۇشنى قىلىشتىن بۇرۇن ھەربىي كېڭەش چاقىرىپ،ئۇرۇشقا مۇناسۋەتلىك ئىشلار توغىرسىدا ئەتىراپلىق چوڭقۇر ئويلىنىپ بىر قارارغا كېلەتتى.ئەگەرھەربىي كېڭەشتە ئۇرۇش قىلىش قۇبۇل قىلىنسا،ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغان قوشۇنلارنىڭ سانى،ئۇرۇشنى باشلاشنىڭ ۋاقتى،كىمنىڭ باش قوماندان بولۇشى قاتارلىق موھىم ئىشلاربىر تەرەپ قىلىناتتى. ھەربىي كېڭەشكە قاراخانلارنىڭ بۇغراسى،شاھزادىلەر،مەشھۇربەگلەر،چوڭ قەبىلەلەرنىڭ خانلىرى قاتنىشاتتى.كۆپ چاغلاردا ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى قاراخانلارنىڭ بۇغراسى ئۆز ئۈستىگە ئالاتتى.
2 .ئالاھىدە مۇھاپىزەتچى قوشۇن تەشكىل قىلىش
ئۇرۇشتا قاراخانلارنىڭ بۇغراسىنى قوغداش ۋە قوشۇنلارنىڭ تەرتىپ -ئىنتىزامىنى ساقلاش ئۈچۈن ئالاھىدە مۇھاپىزەتچى قوشۇن تەشكىل قىلىناتتى.بۇنداق قوشۇن ‹‹پۇرتۇغ››(قورۇغداش)دەپ ئاتىلاتتى.قاراخانلارنىڭ بۇغرالىرى قوشۇن باشلاپ ئۇرۇشقا ماڭغاندا،قوشۇننىڭ ئالدىدا ئالاھىدە موھاپىزەتچى قوشۇن بۇغراخاننى ئارىغا ئېلىپ ماڭاتتى.ئالاھىدەمۇھاپىزەتچى قوشۇن قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت بايرىقىنى-ئوتتۇرسىغا بىر تەرىپىدە ئالتە،بىرتەرىپىدە ئۈچ شېخى بار ئالتۇن رەڭلىك ئارچا چۈشۈرۈلگەن توق قىزىل شايى بايراقنى،بۇندىن باشقا بايراقلار،تۇغلار،
ئالتۇن،كۈمۈشتىن قۇيۇلغان ئۇمۇتلار(چوماقلار)نى كۆتۈرشۈپ،تولۇق قوراللانغان پېتى ناھايىتى ھەيۋەتلىك مېڭىشاتتى.
قوشۇننى ساقلىسۇن،قىلسۇن مۇنتىزىم،
كېيىن ۋە ئىلگىرى يۈرمىسۇن ھېچكىم.
ئىشەنچىلىك كىشىنى قوي ئالدىن،كېيىن،
بېكىت ئوڭ-سولۇڭغا يەنە باشقىدىن.
قوماندان قورۇغداش توپى قورۇغۇلۇق،
يىغىپ ئالدى-كەينى رەتكە سالغۇلۇق.
كىچىكلەر ئۇلۇغلار ئارا كىرمىسۇن،
يىراقتا يۇرۇچى يېقىن كەلمىسۇن.
نىچۇك بولسا سارايدا قوپۇش-ئولتۇرۇش،
كېرەكتور بۇ يەردە ھەم شۇنداق بولۇش.
3.دۈشمەن ئەھۋالىنى بىلىش ۋە ئۆزۈنىڭ سىرىنى چىڭ ساقلاش
قاراخانىيلار ئۇرۇشقا مېڭىشتىن ئىلگىرى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغاندىن تاشقىرى،ئۇرۇشقا كىرىدىغان ئالدىنقى كۈنلەردە دۈشمەن ئەھۋالىنى ئېنىق ئىگەللەش ئۈچۈن‹‹تۇتقاق››ۋە ‹‹پەزەك››دەپ ئاتىلىدىغان ئاتلىق چارلىغۇچى،خەۋەرچى قىسىملار تەشكىل قىلاتتى.بۇنداق قىسىم ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن دۈشمەننىڭ ئالدىن چارلىغۇچى قىسىملىرىنى ئىزدەپ تېپىپ،ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ،قاچسا شىددەت بىلەن قوغلاپ‹‹تىل››تۇتۇپ كېلەتتى.‹‹تىل››
ئارقىلىق دۈشمەن ئەھۋالى ئىگەللىنەتتى.‹‹تىل››تۇتۇپ كېلىدىغانلار‹‹تۇتقاق››دەپ ئاتالسا،
دۈشمەن ئەھۋالىدىن خەۋەر يەتكۈزۈپ تۇرىدىغانلار‹‹پەزەك››دەپ ئاتىلاتتى.
چارلىغۇچى قىسىم خىللىماق،
قولاق كۆزنى ساقلاپ،يىراق قارىماق.
چارلاۋچى ئۇچراشسا تۇتقاققا يېتىپ،
ھۇجۇمنى قىلسۇن ئۇ ئارقىدىن بېرىپ.
ئىڭ ئاۋال تىرىشىپ تىل ئالماق كېرەك،
بۇ تىلدىن ياۋ ھالىنى بىلمەك كېرەك.
قوشۇننى كۈزەتسۇن،ئۇ تىل بەرمىسۇن،
قوشۇن ئازمۇ-كۆپ ياۋ بۇنى بىلمىسۇن.
4.ئۇرۇشىدىغان جاينى تاللاش
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كۆرسىتىشچە،ئۇرۇشىدىغان جاي مۇداپئەلىنىشكە،چېكىنىشكە ئەپلىك،
ئوت-چۆپ،سۈيى مول بولۇشى كېرەك.ئۇنىڭ مۇۋاپىق بىر يېرىگە قارار گاھ(قوماندانلىق شىتابى)جايلاشتۇرۇلىشى،قارارگاھقا يېقىنراق بولغان ئېگىز بىر جايغا مۇنار ياسىلىشى لازىم ئىدى.ئەگەر كېچىسى دۈشمەن تەرىپىدىن بىرەر خەۋپ سېزىلىپ قالسا،دەرھال مۇنارئۈستىگە مەشئەل يېقلىپ،پۈتۈن قوشۇن ئاياق ئۆرە تۇرغۇزۇلاتتى.بۇنىڭدىن باشقا كېچىسى پارۇل قوللىناتتى.ئەگەر كېچىسى قوشۇن چۈشۈرۈلگەن ۋە قارارگاھ ئورۇنلاشقان جاينىڭ ئەتىراپىدا ئىككى كىشى ئۇچۇرشۇپ قېلىپ،ئۇلاردىن بىرى پارۇلنى بىلمىسە شۇ ئۆلتۈرلەتتى.
5.كېچىدە قىلىدىغان ھۇجۇم
يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۈشمەنگە كېچىسى ھۇجۇم قىلىشنى،دۈشمەننى يوقۇتۇشنىڭ ئەڭ ياخشى تەدبىرى سۈپىتىدە تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: تىرىش،غەپلەتتە قوي،كېچە قىل ھۇجۇم،كېچىدە كۆپ-ئازلىق بىلىنمەس چوقۇم.
6 .كۈندۈزى ئېلىپ بېرىلدىغان ئۇرۇشلار
كۈندۈزى ئۇرۇش قىلىش قارارىغا كەلگەن قوماندان ئەڭ ئەۋۋەل قوشۇندىكى جەڭچىلەرنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش،ھۇجۇمغا ماڭىدىغان قىسىملارنىڭ ئالدىغا ياشانغان،تەجىربىلىك جەڭچىلەرنى قويۇش،بىر قىسىم قوشۇننى بۆكتۈرۈپ قويۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن،
ئۇرۇشتا ئۆزى باش بولۇپ ئۈلگە كۆرسۈتۈپ جەڭچىلەرنى ناھايىتى يوقۇرى جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىم.
ئىشىڭنى ئۇزاتماي قۇشۇن تۈز،سوقۇش،
ئاتاپ ماختا ئەرنى،تارات مال،كۆمۈش،
يېشى چوڭ،جەسۇرلەر كۈرەشچىنى،
سەپ ئالدى قىل،باشلاپ ماڭسۇن جەڭچىنى.
;
ساقال-چاچ ئاقارغان كۈرەشچى بولۇر،
كۈرەشچى بولۇر ھەم كۆپ ئىشنى بىلۇر.
كىچىك،ياش يىگىتلەر بولۇر بەكمۇ تېز،
ئەگەر ئۆرۈسە يۈز،ئۆچەر ئوتى تېز.
چېرىكتىن بىر قىسمىنى قوي مۆكتۈرۈپ.
ياياق ئوقچىنى سال سەن ئالدىن يۈرۈپ. –
ئەڭ ئەۋەل يىراقتىن ئوقىن ئاتقۇلۇق.
يېقىنلاشسا نەيزە بىلەن تىققىلۇق.
كىرىشكەندە پالتا،قېلىچ بىلەن چاپ،
ياقادىن تۇت،چىشلە،تىرناقتا تاتلاپ.
چىدا،ياۋغا ئارقاڭنى بەرمە تۇتۇپ،
يوقات ياۋ ياكى يات ئۇرۇشتا ئۆلۈپ.
7.ئىشەنچىسىز ئۇرۇشتىن ساقلىنىش
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىشەنچسىز ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ،دۈشمەن بىلەن ئېغىزدا بولسىمۇۋاقىتلىق يارىشىپ،پەيتنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ.
قوشۇنى كۆپ بولسا ياۋنىڭ،سېنىڭ ئاز،
سوقۇش قىلما،تېزدىن كۆر تەدبىرنى ساز.
يېڭىشقا ئەگەرچە يەتمىسە كۈچۈڭ،
ئەۋەتكىن ئەلچىلەر ياراشقىن ئۆزۈڭ.
تىلىڭ بىرلە ئەل بول،ئۆزۈڭنى كۈزەت،
سوقۇشماققا ئالدىرىما،سۆزنى بەس ئەت.
8.دۈشمەننى قوغلاش
ئەگەر دۈشمەن مەغلۇب بولۇپ،راستتىن چېكىنگەن بولسا،ئۇنى مەلۇم جايغىچە قوغلاپبېرىپ،بىر قىسمىنى ئەسىر ئېلىپ،دۈشمەن كۈچىنى ئاجخزلاشتۇرۇپ،شۇ ئارقىلىق قوشۇننىڭروھىنى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.بۇنداق بولمىغاندا دۈشمەن ئۇشتۇمتۇت ئارقىسىغايېنىپ ھۇجۇم قىلىدۇ.بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلغاندىن تاشقىرى دۈشمەننى بەكمۇ ئۇزاقجايغىچە قوغلاپ بېرىپ ئارقا سەپتىن يىراقلىشىپ،يىتىم ھالغاچۈشۈپقېلىپ،مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشتىن ساقلىنىشقىمۇ دىققەت قىلىش لازىم.بولۇپمۇ يالغاندىن چېكىنىپ تۇزاققا چۈشۈردىغان دۈشمەننىڭ ھېلىسىگە ئالدىنىپ دۈشمەننى قوغلىغاندا،ناھايىتى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە يولۇقۇش مۇمكىن.
يېغى قاچسا قوغلاپ ئۇزاپ كەتمىگىل،
ئەگەر قايتسا دۈشمەن،قاچالمايسەن،
بىل. يېغى قاچسا بارما ئۇزاق يەرگىچە،
يىراق قوغلىغان قامچا يەر تۇيغىچە.
Ⅳ قوماندان توغىرسىدا🌙
يۈسۈپ خاس ھاجىپ قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىدىغان كىشىنىڭ قانداق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىسى توغۇرسىدا توغىرسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بەرگەن.
1.قومانداننىڭ خۇسۇسىيەتلىرى
قوماندان راسچىل،تەجىربىلىك،شەخسىيەتتىن خالى،ئاددىي-ساددا،يۈرەكلىك،باتۇر،ھېلىگەر،تەدبىرلىك،كەمتەرمۇلايىم،ئەقىللىق،ھۇشيارلىققا ئوخشاش خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇشى شەرت.
2.قومانداننىڭ ۋەزىپىلىرى
يۈسۈپ خاس ھاجپپ نىڭ توختىلىشىچە قومانداننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۇرۇشتا قوشۇنغا يىتەكچىلىك قىلىپ،دۈشمەننى يېڭىشتىن تاشقىرى،يارىدار بولغانلارنى داۋالىتىش،ئەسىر چۈشۈپ كەتكەنلەرنى قۇتۇلدۇرىۋېلىش،ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى رازى قىلىش،خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى موكاپاتلاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەنبە: دەستۇر تورى
مەنبە:يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى