پىيادە قىسىم بۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ قىسىم تۈرلىېىدىن ھېسابلىنىدۇ ھەمدە قەدىمدىن تارتىپ جەڭنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللارنىڭ ئاساسلىقى ھېسابلىنىدۇ.كەڭراق مەنىدىن ئېيتقاندا يەككە شەخىس ھالەتتە يەككە كىشىلىك قوراللارنى ئاساس قىلىپ جەڭ قىلغۇچى قىسىمنى ئومۇملاشتۇرۇپ پىيادە قىسىم دەپ ئاتىلىدۇ.تارراق مەنىدىن قارىغىنىمىزدا ئادەتتەكى ھۇجۇم ۋە مۇداپىيە جەڭلىرىنى ئېلىپ بارغۇچى ئارمىيە تۈرى ھېسابلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن سىرت پىيادە قىسىمنىڭ ئالاھىدە جەڭ قىلىش گۇرۇپپىلىرى ھەم بولۇپ بۇلار ھەققىدە كېيىنچىراق تەپسىلى توختىلىمىز ئىنشا اللە. پىيادە قىسىمنىڭ تەرەقىياتى ئىنسانىيەت تېخنىلوگىيەسى ۋە جەمىيەت تەرەقىياتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ. پىيادە قىسىمنىڭ پىيادە جەڭ قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلى خاسلىقىدا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما جەڭ تاكتىكىسى، ئوت كۈچى، مۇداپىيەلىنىش ئىقتىدارى، يۆتكىلىشچانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەرەقىيات باسقۇچى بار. ھازىرقى زامان پىيادە قىسىملىرى ئاز بولمىغان جەڭلەردىكى ئەڭ مۇھىم پىرسۇناژ ھېسابلىنىدۇ.ھازىرقى زامان پىيادە قىسىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىر نەزەر سالساق، ئادەم بەدىنىدىكى تاقەتنىڭ چەكلىك بولغانلىقى تۈپەيلى ھەركەتچانلىقى، قوغدۇنۇش ئىقتىدارى جەھەتتە بىرونىۋىكچى قىسىملارغا سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن يەككە كىشىلىك جەڭ قىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ھەر تۈرلۈك مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك شارائىتلاردا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ بارالايدۇ.مەسىلەن: شەھەر جەڭلىرى، تاغلىق رايونلاردىكى جەڭلەر، ئاكوپ-خەندەكلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان جەڭلەردە پىيادە قىسىمنىڭ ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان مۇھىم ئورىنى بار. پىيادە قىسىمنىڭ ئەسلىھەلىرىگە قاراپ چىقىدىغان بولساق، ئاساسلىق ئەسلىھەلىرىدىن: ئاپتومات، پىلىميوت، قول گىراناتى، قورالغا سەپلىنىدىغان ئوق بولبا، كىچىك تىپتىكى مىنامىيوت، تانكىغا قارشى باشقۇرىلىدىغان سىنارەد، ھاۋا مۇداپىيە سىنارەدلىرى، ئاپتىموبىل، ئەسكەر توشۇغۇچى بىرونىۋىك، ئوق ئۆتمەس ماشىنا، تىكئۇچار ئايروپىلان ۋە توشىغۇچى ئايروپىلان قاتارلىقلار…
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى