ئوقنىڭ ئۆمىرى ياكى ساقلىنىش ۋاقتى ئوقنى قانداق ئاسراش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ، ئادەتتە سىز ئوقنى قۇرغاق ھەمدە شامال ئۆتۈشمەيدىغان ئورۇندا ساقلىسىڭىز 30 يىل ئەتراپىدا ساقلىغىلى بولىدۇ، ئۈستى ئوچۇق بولغان شارائىتتا ساقلىسىڭىز تەقرىبەن 10يىل ئەتىراپىدا ساقلىغىلى بولىدۇ، ئەگەردە ساندۇقىدىن چىقىرىۋەتكەن ئوق بولسا ئارانلا بىر يىل ئەتىراپىدا ساقلىغىلى بولىدۇ(تاشلاندۇق ھالەتتە قالغىنىنى كۆرسىتىدۇ)، ئەڭ چاتاق يېرى كۆپ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئوقلارنى ئىشلىتىش قورالغا بەلگىلىك مىقتاردا زىيىنى بولۇپلا قالماي ئىشلەتكۈچىلەرنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىشى ھەم مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەردە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئوقلارنى توپلاپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ ياكى قورال ئەپ كەسچىلىرىگە سېتىپ بېرىدۇ. ھەر يىلى شۇ سەۋەبلىك ھەر قايسى دۆلەتلەردە يوق قىلىنىۋېتىدىغان ئوق دورىلار خېلى مىقتارنى ئىگەللەيدۇ.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى