يەككە كىشىلىك قوراللار سىزگە نىسبەتەن ئەسكىرى ساھەيىڭىزدە ياكى دۈشمىنىڭىزنىڭ ھۇجىمىغا قارشى تۇرىشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھىڭىزدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ ۋە ھاياتىڭىزدا ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان قورال تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە قورالنىڭ قىممىتى ئۇنى قانداق ئىشلىتىشتە ۋە ھالقىلىق پەيتتە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشتا ئاندىن ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر بىزدە مەيلى تاپانچا بولسۇن ياكى ئاپتومات بولسۇن، ئۇلاردىن قايسى خىل ھالەتتە پايدىلىنىشنى، قايسى خىل ھالەتتە نىشاننى ئەڭ تېز ۋە ئۈنۈملۈك ھالەتتە مەغلۇپ قىلىشنى بىلمىسەك ئۇ قورال ئەسكى تۆمۈر-تەسەك ياكى زىننەت بۇيىمىدىن باشقا نەرسە ھېسابلانمايدۇ. بىز ئالدىنقى يوللانمىمىزدا يەككە كىشىلىك قوراللارغا نىسبەتەن ئومۇمىي ئوق ئېتىش قائىدىسىنى يۈزەكى بىر چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق، بۈگۈن ئالدى-ئارقا قارغا ئالغۇچ ۋە نىشان ھەققىدە ئىنچىكىراق توختالماقچى. سىز قولىڭىزدىكى قورالنى نىشانغا ياخشى تەككۈزىمەن دەيدىكەنسىز سىز بېسىپ ئۆتىدىغان بىرىنجى ئۆتكەل دەل نىشاننى قانداق قارغا ئېلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئالدى ئارقا قارغا ئالغۇچلارنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. ئاساسەن دېگۈدەك يەككە كىشىلىك قوراللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆزىدە سەپلىكلىك ھالەتتە چىقىدىغان قارغا ئېلىش قۇرۇلمىسى مۇشۇ ئىككى قۇرۇلمىدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئادەتتە ئالدى قارغا ئالغۇچ كۆپىنچە ھالەتلەردە تۈۋرۈكسىمان ياكى يىڭنەسىمان ھالەتتە بولىدۇ،
ئىلمىيراق قىلىپ ئېيتساق نىشانگاھ دەپ ئاتىلىدۇ. قارغا ئېلىش ئىشلىرىدا بىز ئۈچۈن بەكەرەك مۇھىم بولغىنى ئالدى قارغا ئالغۇچنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىن سىرت ئۇنىڭ ئىچىدىكى نىشانگاھ(يىڭنەسىمان قىسىمى). كەينى قارغا ئالغۇچ كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا ئىككى خىل بولىدۇ، بىرىنجى تۈردىكىلىرى ئاپتومات كىلاشىنكوف ۋە تاپانچىلارنىڭكىگە ئوخشاش يوچۇق ھالەتتىكى قارغا ئالغۇچ، يەنە بىرى بولسا M16نىڭكىگە ئوخشاش يۇمۇلاق ياكى تۆشۈگلۈك ھالەتتىكى قارغا ئالغۇچ. ھەممىمىزگە ئايدىڭ بىر قائىدە شۇكى، ئوقنى نىشانغا تەككۈزۈش ئۈچۈن ئالدى-ئارقا قارغا ئالغۇچ ۋە نىشان چوقۇم بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە كېلىشى كېرەك.لېكىن كەينى قارغا ئالغۇچلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ قوراللارنىڭ قارغا ئېلىش تېخنىكىسى بىر ئاز پەرىقلىنىدۇ، لېكىن قانۇنىيەت چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش.(تاپانچا ۋە ئاپتوماتلارنىڭ قارغا ئېلىش ھالەتلىرىنى يۇقارقى رەسىملەردىن كۆرىۋېلىڭ) يوچۇق ھالەتتىكى ئارقا قارغا ئالغۇچلارغا نىسبەتەن ئالدى قارغا ئالغۇچتىكى نىشانگاھنى قارغا ئالغۇچنىڭ يوچۇق يېرىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئەكىلىش ۋە ئۇ ئىككىسىنى قوزغىتىۋەتمەستىن نىشاننىڭ ئۆزىڭىز ئاتماقچى بولغان يېرىگە توغۇرلىشىڭىز بەك مۇھىم، ئىمكان قەدەر سىز قايسى خىل تۇرۇش ھالىتىدە ئوق ئاتماڭ قورالنىڭ تەۋرىنىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.
شۇ ۋاقىتتىلا سىز ئوقىڭىزنى نىشانغا ياخشى تەككۈزەلەيسىز.ئۇنىڭدىن باشقا قورالنى ئەڭ توغرا ئۇسلۇپتا تۇتالىشىڭىز تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ ھەقتە كېيىنكى يوللانمىمىزدا توختىلىمىز ئىنشا اللە. كۆزىڭىزنىڭ روشەن بولىشى، بىلىكىڭىزنىڭ قاۋۇل بولىشى ۋە دىققىتىڭىزنى يىغالايدىغان بولىشىڭىز نىشاننى قارغا ئېلىشىڭىزغا ئىجابى تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، بىكار ۋاقتىڭىز بولسا قارغا ئېلىش مەشىقىنى كۆپ ئېلىپ بېرىشنى ئۇنۇتماڭ، تېمىمىزنىڭ داۋامى بار،facebook ۋە telegram سەھىپىلىرىدە قانىلىمىزغا دىققەت قىلىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى