يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئەڭ قاتتىق بولغان بولغان ئۇرۇشلارنىڭ بىرى 1957-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە داۋام ئەتكەن ۋيېتنام ئۇرۇشىدۇر. دەسلەپتە پارتىزانلىق ئۇرۇشى ھالىتىدە كېتىپ بارغان بۇ جەڭلەرگە 1965-يىلى ئامېرىكا ھەم قاتناشتى ۋە ئاسىيانىڭ جەنۇبى رايونى ئوت ئىچىدە قالدى. ھەقىقەتەن شىمالىي ۋە جەنۇبىي ۋيېتنام ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تەبىئىيلا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ تۈزۈم ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا ئايلاندى. كوممۇنىستلارنىڭ ياردىمى بىلەن قىزىغان بۇ جەڭدە ئامېرىكا 58مىڭ ئەسكىرىنى يوقاتتى ۋە ئۇلارنىڭ 35 مىڭىدىن ئارتۇقى 21 ياشقا ھەم كىرمىگەن ياش يىگىتلەر ئىدى.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇرۇشتىن قايتقان ئەسكەرلەرنىڭ 150مىڭدىن كۆپىراقى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى ۋە بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا تارىخىدىكى قانلىق تارىخلاردىن بولۇپ قالدى. ۋيېتنامنىڭ تارتقان چىقىمى بولسا ئۇنىڭدىن ھەم دەھشەتلىك ئىدى، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە 2 مىليوندىن ئارتۇق تىنچ ئاھالە جېنىدىن ئايرىلدى، بۇنىڭدىن سىرت ئومۇمىي يۈزلۈك قىرغۇچى قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىنىش نەتىجىسىدە 83مىڭ كىشى مېيىپ، 30 مىڭ كىشى كۆزى ئاجىز، 10مىڭدىن ئارتۇق كىشى كور بولۇپ قالغان. كېيىنكى ئەۋلاد ئارىسىدا ھەم گېن بۇزۇلۇشى كۆرۈلدى.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى