«ئىنسانىيەت تارىخى ئۇرۇشلار تارىخىدىن ئىبارەت». تارىخىدا يەر يۈزىدە مۇتلەق ھالدا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرگەن بىرەر يىل بولغان ئەمەس، دائىم قەيەردىدۇر، كىم-كىملەر ئارىسىدىدۇر چوڭ-كىچىك ئۇرۇشلار بولۇپ تۇرغان. ئەمما ئونلاپ يىللار، ھەتتا ئەسىرلەپ داۋام ئەتكەن قىرغىنچىلىقى يۇقىرى ئۇرۇشلار ھەم باركى، ئۇلارنىڭ داۋامىيلىقى كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا چۆمدۈرىدۇ.
- رىم-كارفاگىن ئۇرۇشى (118 يىل داۋام ئەتكەن)
مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرگە كېلىپ رۇملۇقلار ئىتالىيىنى پۈتۈن ئۆزىگە بويسۇندۇردى ۋە باي ئارال بولغان سىتسىلىيەگە كۆز تىكىشكە باشلىدى. ئەمما بۇ ئارالنى يەنە بىر كۈچلۈك دۆلەت بولغان كارفاگىن ھەم يۇتۇۋېلىشنى قەست قىلىپ تۇرۇۋاتاتتى. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 118 يىللىق ئۇرۇش 3 چوڭ باسقۇچ ۋە مەلۇم يىللىق تىنچلىق ھالىتىدە داۋاملاشتى ۋە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 264-يىلىدىن 146-يىلىغىچە داۋام ئەتتى. گەرچە ئاخىرقى ئۇرۇش ئۈچ يىل داۋام ئەتكەن بولسىمۇ، لېكىن قىرغىنچىلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. بۇ ئۇرۇشقا رۇملۇقلار «كارفاگىن ۋەيران قىلىنىشى شەرت!» دېگەن شوئار بىلەن قاتناشتى، دەرۋەقە رىمنىڭ كۈچى غالىب كەلدى ۋە كارفاگىن دېگەن دۆلەت خەرىتىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ تاشلاندى.
شۇنىڭدەك تارىخىدا 300 يىل ئەتراپىدا داۋاملاشقان ھىندىلار ۋە ئىسپانلار ئۇرۇشى، 700 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان رىم-فارىس ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلار ھەم بار. ئەمما ئۇلار ئاساسەن كىچىك تىپتىكى توقۇنۇشلار ھالىتىدە ئېلىپ بېرىلغان،، زور كۆلەملىك جەڭلەر كۆپ بولمىغانلىقى، ھەمدە ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ئېنىڭ بىر مەلۇمات ۋە ھېسابات بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ تىزىملىكتىن قالدۇرۇلدى.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى