ئوتنىڭ رولى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بىز ئوت ئارقىلىق ئىسسىنىمىز، يېمەكلىكلەرنى پۇشۇرىمىز، سۇ تازلايمىز، قوغدىنىمىز ھەمدە سېگنال بېرىمىز. لېكىن بىز دۈشمەننىڭ دائىرىسىدە بولساق، ئوت بىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىشى مۇمكىن. ھاسىل بولغان ئىسنى ناھايىتى يىراقتىن پۇرىغىلى ياكى كۆرگىلى بولىدۇ؛ ئوتنىڭ نۇرىنى مەيلى كۈندۈز بولسۇن ياكى كېچە بولسۇن كۆرگىلى بولىدۇ؛ ئوت ياققان ئىز بىزنىڭ ھەرىكەت ئىزىمىزنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى، ئەگەر ئوت يېقىشنى ئويلاشساق، چوقۇم دۈشمەننىڭ رازۋېتكا قىلىشىدىن ساقلىنىشىمىز لازىم.
ئەگەر بىز يېراقتىكى جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولساق، بىز چوقۇم كۆپ مىقداردا سەرەڭگە ئېلىۋىلىپ، سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، يېنىمىزغا ئېلىپ يۈرىمىز. ۋەزىپە ئۆتەشكە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، شامال بىر قەدەر چوڭ ئەھۋال ئاستىدا ئوت يالقۇنىنى قانداق ساقلاپ قېلىشنى كۆپرەك مەشىق قىلىشىمىز لازىم. ئوت ياققان ۋاقتىمىزدا بىر تال سەرەڭگىنىڭ كۆيگەن ۋاقتى يېتەرلىك ئۇزۇن بولسا، باشقا سەرەڭگىلەرنى تېجەپ قېلىپ، كېيىن ئىشلىتىشكە ئېلىپ قويىمىز.
1) ئورۇن تاللاش ۋە ئوت يېقىشقا تەييارلىق قىلىش
تۆەندىكى ئامىللار بىزنىڭ قانداق جايغا ئوت يېقىش ۋە ئوت يېقىشتىن بۇرۇن قانداق تەييارلىق قىلىش لازىملىقىنى بەلگىلەيدۇ:
● بىز ۋەزىپە ئۆتەيدىغان جاينىڭ يەر شەكلى ھەمدە ھاۋا رايى كېلىماتى.
● ئىشلەتكىلى بولىدىغان ماتېرىيال ۋە ئەسۋاب.
● نىمە ئۈچۈن ئوت يېقىشقا ئېھتىياجلىق بولىمىز.
● دۈشمەن بىزدىن قانچىلىك يېراقلىقتا.
مۇۋاپىق ئورۇن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى لازىم:
■ شامالدىن دالدا ئورۇندا بولۇشى لازىم.
■ بىز تۇرىدىغان تۇرالغۇ جاي بىلەن (ئەگەر قۇرغان بولساق) ئورۇن مۇناسىۋىتى مۇۋاپىق بولۇشى لازىم،
■ يېتەرلىك ياغاچ ياكى باشقا يېقىلغۇ ماتېرىياللىرى بولۇشى لازىم.
ئەگەر بىز قويۇق ئورمانلىق ياكى چاتقاللىقتا بولۇپ قالساق، ئوت ياقىدىغان جاينى تاللاپ بولغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى چاتقالنى پاكىز تازلاپ، يەر يۈزىدىكى توپىنى قىرىپ تەكشىلەيمىز. پاكىزلىغان چەمبەرنىڭ دىئامېتىرى ئاز دېگەندە بىر مېتىر بولۇشى لازىم، بۇنداق بولغاندا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشنى ئېھتىماللىقى بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ.
ئەگەر ۋاقتىمىز يار بەرسە، ئەن ياغاچ ياكى تاش بىلەن قورشاۋ تام ياسىۋالىمىز، بۇ توسۇلغان تام ئىسسىقلىقنىڭ تارقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چاچرىشىنى، شامال كۈچىنى ئازايتىدۇ. لېكىن يېتەرلىك شامالنىڭ ئوتنىڭ داۋاملىق كۆيۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.