1. دالىدا ساغلاملىقنى ساقلاشتىكى مۇھىم ئامىل: يېتەرلىك سۇ، يېمەكلىك، شەخسىي تازلىق ۋە يېتەرلىك ئارامدىن ئىبارەت.
1) يېتەرلىك سۇ.
ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك فىزولۇگىيلىك پائالىيىتى بەدەندىكى سۇ مىقدارىنىڭ كېمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاۋانىڭ تىپمۇراتۇرسى 20℃ بولغاندا ئادەم بەدىنى 2~3 لېتىرغىچە سۇ يوقىتىدۇ. ئەگەر باشقا ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، مەسىلەن: قاتتىق ئىسسىق ياكى سوغۇق، قاتتىق ھەركەت قىلىش، ئېگىزلىك، كۆيۈش-يارلىنىش ياكى كىسەللىكلەر سەۋەبدىن سۇ يوقىتىش تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا تولۇقلانمىسا سۇسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇسىزلىنىش ئادەمنىڭ خىزمەت ئۆنۈمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئۇسسىغان ۋاقىتتا ئاندىن سۇ ئىچمەسلىك لازىم، چوقۇم قەرەللىك ھالدا سۇ تەركىبىنى تولۇقلاپ سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر جىسمانىي ئەمگەكنى قانچە كۆپ قىلساق، ياكى ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر بولسا، مۇۋاپىق ھالدا سۇ قۇبۇل قىلىش مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك. قاتتىق ئىسسىقتا كۈندە 18~36 لېتىرغىچە سۇ ئىچىش كېرەك. سۇسىزلىنىشنى داۋالاش ناھايىتى ئاسان بولۇپ ئۇنىڭ داۋاسى سۇ تولۇقلاش، يەنى ھەرخىل ھالەتتىكى تەركىبىدە سۇ بولغان نەرسىلەر يەنى مىۋە، سۇ دېگەندەك.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى دېڭىز سۈيى ياكى تۇزلۇق سۇنى ئىچىشكە بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ۋاقىتلىق ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتكىلى بولسىمۇ لېكىن تېخىمۇ كۆپ سۇ يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2) يېتەرلىك يېمەكلىك.
يېمەكلىك يوق ھالەتتە بىر قانچە كۈن ھاياتلىقنى ساقلىغىلى بولىدۇ، لېكىن يەنىلا ئۇزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇزۇقلۇق يېتىشمىگەندە، بىزنىڭ روھى ۋە فىزولوگىيىلىك ھالىتىمىز تېز سۈرەتتە ناچارلىشىپ، ئاجىزلاپ كېتىمىز. گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ماي ۋە ئاقسىل بىلەن تەمىنلەيدۇ، ماي بولسا ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.، ئاقسىل بەدەننى تۈزگۈچى مۇھىم ماددا. ئۆسۈملۈكلەر بولسا بەدەننى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئاساسلىق ئېنىرگىيىنىڭ كىلىش مەنبەسى. نۇرغۇنلىغان ئۆسۈملۈكلەر ئادەم بەدىنىنى يېتەرلىك ئاقسىل تەمىنلەپ بەدەننىڭ نۇرمال خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.
3) شەخسىي تازلىق.
دىنىمز پاكىزلىققا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن بولۇپ، پاكىز يۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ئەمىرىنى بىجا كەلتۈرگەن بولىمىز، بۇنىڭدىن باشقا يەنە پاكىزلىق ياللۇغنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كىسەلدىن ساقلىنىشتىكى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ قىيىنچىلىق شارائىتتا شەخسىي تازلىق تېخىمۇ مۇھىم.
بۇنداق ناچار شارائىتلاردا بىز بەدىنىمىزنى سوپۇن ياكى بىر پارچە رەخت بىلەن يۇيۇپ تۇرساق ياخشى، ئەگەر سۇ قىس بولسا بەدىنىمىزگە قۇياش نۇرى چۈشۈرۈپ، ھاۋا ئۆتكۈزۈپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.
شەخىسي تازلىق ئىككى قولنى پاكىز ساقلاش، چېچىمىزنى پاكىز ساقلاش، كىيىم-كىچەكنى پاكىز ساقلاش، چىشنى پاكىز ساقلاش ۋە ئىككى پۇتنى پاكىز ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ.
4) يىتەرلىك ئارام ئېلىش.
بىز توختىماستىن ئالغا ئىلگىرلىشىمىز ئۈچۈن، يېتەرلىك ئارام ئېلىپ، ساغلاملىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، ئەگەر سىز يارىلانغان بولسىڭىز، يېتەرلىك ئارام ئېلىش ئارقىلىق ساغلاملىقىڭىزنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز. ھەر كۈنلۈك پائالىيەتكە ئارام ئېلىش ۋاقتىنى بىكىتىش ئارقىلىق، كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان مۇھىتلاردا ئۆزىمىزنى قانداق كۈتۈشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
بىز توختىماستىن ئالغا ئىلگىرلىشىمىز ئۈچۈن، يېتەرلىك ئارام ئېلىپ، ساغلاملىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، ئەگەر سىز يارىلانغان بولسىڭىز، يېتەرلىك ئارام ئېلىش ئارقىلىق ساغلاملىقىڭىزنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز. ھەر كۈنلۈك پائالىيەتكە ئارام ئېلىش ۋاقتىنى بىكىتىش ئارقىلىق، كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان مۇھىتلاردا ئۆزىمىزنى قانداق كۈتۈشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
1) كۆيۈكنى بىر تەرەپ قىلىش
كۆيۈك دائىم قاتتىق ئاغرىق، تارتۇق ياكى ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.دەسلەپكى ياردەم بېرىشتىن ئاۋۋال بىز چوقۇم كۆيۈكنىڭ تۈرىنى بىلىۋىلىشىمىز زۆرۈر. كۆيۈك تۆۋەندىكىدەك بەشكە ئايرىلىدۇ:
● ھارارەتتىن بولغان كۆيۈك: بۇ خىل كۆيۈك ئوت، قىززىق جىسىملار، قىززىق سۇيۇقلۇقلار ۋە گازلاردىن ياكى ئوت قويغۇچى بومبىلاردىن بولىدۇ.
● ئېلىكتىردىن بولغان كۆيۈك: ئېلىكتىر سىمى ياكى چاقماقلاردىن بولىدۇ. كۆپرەك شەھەر ئۇرۇشلىرىدا ۋە ئەسكىرى گازارمىلارنىڭ ئېلېكتر سىم قاشالىرىدا كۆرىلىدۇ.
●خېمىيىلىك كۆيۈك: ھۆل ياكى قۇرغاق خىمىيىلىك ماددىلار ياكى ئاق فوسفور بىلەن ئۇچۇرشىشتىن بولىدۇ.
● لازىرلىق كۆيۈك: كۆپۈنچە كۆز يارىسىنى كۆرسىتىدۇ.
● رادىئاتسىيىدىن كۆيۈش: كۆپۈنچە ئاپتاپتا كۆيۈپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
قوللىنىدىغان تەدبىر:
(1) كۆيۈك پەيدا قىلىۋاتقان مەنبەدىن قاچۇرۇش. ياردارنى تېزلىك بىلەن خەتەردىن ئېلىپ چىقىش ۋە ئۈستىگە ھەر قانداق چوڭ سۈنئىي بولمىغان ماتىرىياللارنى ئوتنىڭ ئۈستىگە يېپىپ ئوتنى ئۆچۈرۈش كېرەك.
(سۈنئىي ماتىرىياللار، مەسىلەن نىلوندەك كۆيۈپ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ جاراھەتلەندۇرىدۇ)، ئەگەر ئۆچمىسە ياردارنى يەردە دومۇلىتىش كېرەك.
(2) كۆيگەن بىمارنى شۇ يەردىكى ئېلېكتر ئېقىمىنى تاقاش ئارقىلىق ئېلىكتر مەنبەسىدىن ئايرىۋىتىش كېرەك. ئەگەر تاقالمىسا ۋاقىت ئىسراپ قىلماي،توك ئۆتكۈزمەيدىغان ماتىرىياللار (قۇرۇق تاياق، كىيىم، ئارغامچا دىگەندەك) بىلەن ياردارنىڭ دۈمبە ۋە دولىسىدىن چۆرۈپ، ئېلىكتر مەنبەسىدىن ئايرىش كېرەك.
■ دىققەت: ھەرگىزمۇ بەدەننى بەدەنگە تەگكۈزۈپ قۇتقۇزماڭ ياكى ھەرقانداق سىمنى تۇتماڭ! بولمىسا سىزمۇ توك سوققان ياردارغا ئايلىنىسىز!
■ دېققەت!يۇقىرى بېسىملىق توك سوققاندا ۋاقىتلىق بىھوشلۇق،نەپەسلىنىش ياكى يۈرەك سوقۇش قىيلىنىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن،
(3) خىمىيىلىك ماددىلارنى يارداردىن ئايرىۋىتىش. سۇيۇقلۇق ماددىلار بولۇپ قالسا ئىمكانقەدەر كۆپ سۇ بىلەن ئېقىتىۋىتىپ. قۇرغاق ماددىلار بولسا يۇمشاق چوتكا بىلەن چىقىرىۋىتىپ بولغاندىن كېيىن (ھەرگىزمۇ قولىمىز بىلەن بىۋاستە سۈرتمەسلىكىمىز لازىم، بولمىسا بىزمۇ خىمىيىلىق كۆيۈپ يارىدار بولىمىز)، ناھايىتى كۆپ مىقداردا سۇ بىلەن ئېقىتىۋىتىمىز. ئەگەر سۇ ئاز بولۇپ قالسا، رىئاكسىيە يۈز بېرىپ كۆيۈشى مۇمكىن. ئاق فوسفور تېرىدە كۆيسە،ھۆل لاتا ياكى لاي بىلەن ئۆچۈرۈش كېرەك ۋە ئۇنى ھاۋاسىز ھۆل لاتا بىلەن ساقلاش كېرەك. ئەگەر كۆزگە كىرىپ كەتسە،بۇلغانغان كۆزنى ساددا سۇ بىلەن يۇيۇش ۋە بۇ جەرياندا چايقىغان سۇ ساق كۆزگە كىرىپ كەتمەسلىكى لازىم.
يارىدارنى كۆيۈك مەنبەسىدىن ئايرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز:
كۆيۈكنى ئاشكارلاش: كۆيۈك ئەتراپىدىكى كىيىمنى ئېھتىيات بىلەن كۆتۈرۈپ كېسىمىز. كۆيۈككە چاپلىشىپ قالغىنىنى بولسا قالدۇرۇپ قويىمىز.ئەگەر ياردارنىڭ قولى ياكى بېغىشى كۆيگەن بولسا، مارجان،ئۈزۈك،سائەت قاتارلىق نەرسىلىرىنى ئېلىۋىتىمىز ۋە يانچۇقىغا سېلىپ قويىمىز.بۇ تېخىمۇ ئىلگىرلەپ جاراھەتلەندۈرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر .ھۈرەك پەيدا بولغان يەرنى تازلاشقا ئالدىرىماسلىقىمىز ۋە تېشىۋەتمەسلىكىمىز ھەمدە باشقا سۇيۇقلۇق، ماي ياكى مەلھەم (چىش پاستىسى) دىگەندەك نەرسىلەرنى سۈركىمەسلىكىمىز لازىم. چاپلاشقاق پىلاستىر ياكى تېڭىق داكىلارنى ئىشلەتمەسلىكىمىز لازىم. ھارارەتتىن بولغان كۆيۈك بولسا دەرھال سوغۇق سۇنى 10 مىنۇت ئۈستىدىن ئېقىتىشىمىز لازىم، ئەگەر سۇ تېپىلمىسا، زىيانسىز سوغۇق سۇيۇقلۇقنى (مەسىلەن سۈت دېگندەك) ئېقىتىشىمىز لازىم، بۇ ھارارىتىنى چۈشۈرمەي ھېچنىمە قىلمىغاندىن نەچچە ھەسسە ياخشى.
كۆيۈككە ھەسەل سۈركەڭ، ھەسەل نەملىك تولۇقلايدۇ ۋە تېڭىق ئالماشتۇرغاندا چاپلاشتۇرمايدۇ، ساپ ھەسەل بولسا ئەڭ ياخشى. تاڭغان چاغدا ئىشلىتلمىگەن يېڭى پىلاستىك خالتىنى ئىشلەتسەك ياخشى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە رەخت ياكى تېڭىقنى قاينىغان تاننىن كىسلاتاسى ئىرىتمىسىگە (چاي، ياكى كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقىنى قايناتقاندىن كېيىن ئېرىشكەن سۇيۇقلۇق)سېلىپ، ئون مىنۇت قويغاندىن كېيىن، رەخت ياكى تېڭىق سوۋىغاندىن كىيىن يارا ئۈستىگە قويساق ھەم بولىدۇ.
2) شۇك بولۇپ قىلىشنى داۋالاش
شۇك ئەسلى كىسەللىك ئەمەس بولۇپ، بىر كىسەللىك ئالامىتى ياكى بىر قاتار كىسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلىشى. بۇ خىل ئالامەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولسا، بەدەندىكى قان ئايلىنىشنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن، بەدەن بۇ يىتەرسىزلىكنى تولۇقلاش ئۈچۈن مۇشۇ ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ.
(1) كىسەللىك ئالامەتلىرى. شۇك بولۇپ قىلىشنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى:
● تېرە ئاقىرىپ، تاتىرىپ كېتىدۇ؛
● تومۇر سوقۇشى تىزلىشىدۇ؛
● تۆت مۈچە مۇزلايدۇ؛
● ئۇسسايدۇ؛
● كالپۇكلىرى يېرىلىدۇ؛
كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى:
● باش قىيىش، يۆنىلىشنى پەرق ئېتەلمەسلىك، قالايمىقان ھەرىكەت قىلىش.
● ئاجىزلاش، ماغدۇرسىزلىنىش، تىتىرەش
● سوغۇق تەر چىقىش
● كىچىك تەرەت ئازلاش
شۇك ئىغىرلاشقاندا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ:
● تومۇر تىز ۋە ئاجىز سوقىدۇ ياكى سوقمايدۇ.
● قانۇنيەتسىز ھاسىرايدۇ.
● كۆز قارىچۇقى يوغىنايدۇ، نۇرغا نىسبەتەن ئىنكاسى ئاستىلاپ كېتىدۇ.
● ئەقلى ھوشى جايىدا ئەمەس، ئاخىرىدا ھوشىدىن كېتىدۇ ۋە ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
كىسەللىك قوزغالغاندا ئەگەر توغرا بولغان داۋالاشقا ئىرىشەلمىگەندە، شۇك بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جاراھەت ئېغىر بولمىسىمۇ، يەنىلا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئادەم ھىچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمىسىمۇ شۇك بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
(2) داۋالاش.
يارىلانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شۇك بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. يارىلانغان كىشىلەردە شۇك بولۇپ قىلىش ئالامىتى بولۇش-بوماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى تۆۋەندىكىدەك شۇك بولۇپ قىلىشنى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
○ ئەگەر بىمارنىڭ ئەس-ھوشى جايىدا بولسا، ئۇنى بىر تەكشى يەردە ياتقۇزۇپ، ئىككى پۇتىنى 15~20 سانتىمېتىرغىچە كۆتۈرىمىز.
○ ئەگەر بىمار ھوشىنى يوقاتقان بولسا ئۇنى يېنىچە ياكى يۈزىنى پەسكە قىلىپ ياتقۇزۇپ، بېشىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، قۇسۇق، قان قاتارلىق سۇيۇقلۇقلارنىڭ گالغا تۇرۇپ قىلىش ۋە قىقىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
○ ئەگەر قانداق ھالەتتە قويۇشنى بىرلىككە كىلەلمىگەندە بىمارنى تۈز ياتقۇزىمىز. ئەگەر بىمار شۇك بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنى تەۋرەتمەيمىز.
○ بىمارنىڭ تەن تىمپۇراتۇرسىنى ساقلاش، بەزىدە بىمارغا سىرتتىن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كىلىدۇ.
○ ئەگەر بىمارنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ھۆل كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۋىتىش كېرەك.
○ كىيىم، پاراشوت، دەرەخ شىخى ۋە باشقا نەرسىلەرنى بىمارنىڭ ئاستىغا سېلىپ، ئۇنى يەر يۈزىدىن ئايرىۋېتىمىز. ۋاقىتلىق بىر ئورۇن ياساپ بىمارنى سىرتقى مۇھىتتىن ئايرىمىز.
○ ئەگەر بىمارغا سىرتتىن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كەلگەندە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ: ئىسسىق يىمەكلىك ياكى ئىچىملىك (بىراق بۇنى پەقەت بىمار ھوشىدا بار ھالەتتە قوللىنىشقا بولىدۇ)؛ ئىسسىتىلغان يوتقان (ئەسكىرىي يوتقان)؛ باشقىلارنىڭ ئىسسىقلىقى؛ ئىسسىتىلغان سۇ؛ كىيىم بىلەن ئورالغان ئىسسىق تاش؛ ياكى بىمارنىڭ ئەتراپىغا ئوت يېقىش.
ئەگەر بىمارنىڭ ئەس-ھوشى جايىدا بولسا ئۇنىڭغا ئازراق ئىسسىتىلغان تۇز سۈيى بېرىمىز. شورپا، چاي ۋە باشقا ئىسسىق ئىچىملىكلەر بولسا تىخىمۇ ياخشى.
ئەگەر بىمار ھوشىدىن كەتكەن بولسا ياكى قورساق قىسمى يارىدار بولسا، ئۇنىڭغا ھىچنىمە يىگۈزمەسلىك كېرەك.
بىمار چوقۇم 24 سائەتكىچە ئارام ئېلىشى كېرەك.
ئەگەر سىز يالغۇز بىر ئادەم بولسىڭىز ياتقىدەك جايدىن بىرنى تېپىپ يېتىشىڭىز كېرەك، ئورەك يەر، دەرەخ ئاستى ياكى ھەرقانداق يامغۇر، شامالدىن دالدىلانغىلى بولىدىغان جايلار بولسا بولىدۇ. ياتقاندا باش قىسىم پۇتتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. بەدەن تىمپۇراتۇرسىنى ساقلاش ۋە 24 سائەتكىچە ئارام ئېلىش كېرەك.
3) ھاشاراتلارنىڭ چېقىشى
قىيىن شارائىتتا ھاشارەتلەر ۋە بەزى زىيانداش قۇرت-قۇڭغۇزلار ئادەمنى چېقىپ بىئارام قىلىدۇ، ھەمدە بۇ خىل ھاشارەتلەر كىسەللىك باكتىرىيەلىرىنى ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ، ئېغىر بولغان زىيادە سېزىمچانلىق رىئاكسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بەلكىم سىز كۆرۈپ باقمىغان كىسەللىكلەرگە يولۇقىشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن:
1)پاشا بەزگەك ۋە دېنگې كىسەللىك ۋېروسىنى ئېلىپ يۈرگەن بولىشى مۇمكىن.
2)چىۋىن تېگىشىش ئارقىلىق كىسەللىك ۋېروسلىرىنى تارقىتىدۇ. چىۋىن كېزىك، خولېرا ۋە ئۇيقۇ خۇمارلىق كىسىلى قاتارلىق ھەرخىل كىسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى بولىشى مۇمكىن. كىزىك ۋېروسى تولغاق ۋېروسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ يۈرىدۇ.
3)بۈرگە ۋابا تارقىتالايدۇ.
4)پىت كىزىك ئەسۋىسى ۋە قايتارما كېزىكنى تارقىتىدۇ.
5)سالجىمۇ كىسەللىك ۋېروسى ئىلىپ يۈرىدۇ، كىسەللىك تارقىتىشى مۇمكىن، مەسىلەن: روككى تېغى قىزىتمىسى، بۇ خىل كىسەللىك ئامېرىكىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.
6)ھەسەل ھەرىسى ۋە چوڭ سېرىق ھەرىنىڭمۇ زەھىرى بەزى ھەرە زەھىرىگە سەزگۈرلىكى يۇقىرى ئادەملەرگە نىسبەتەن ناھايتى خەتەرلىك، جانغا زامىن بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر ھاشارەت چېقىۋالغان بولسا ئىمكانقەدەر ئۇنى تۇتماسلىق كېرەك، چۈنكى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ھەر كۈنى ئاز دىگەندە بىر قېتىم بەدىنىمىزنى تەكشۈرۈپ، ھاشارەت بەدىنىمىزگە چاپىلىشىۋالغان ياكى چاپلىشىۋالمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، ئەگەر بەدەندە سالجا بارلىقىنى بايقىساق، ۋازلىن، مازوت (MAZOUT) ياكى دەرەخ سۈيى قاتارلىق ماددىلارنى ئۇلارنىڭ تىنىگە سۈرسەك، ئۇلارنىڭ ئوكسىگىن مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ-دە، ئاندىن قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز ئۇلارنى بەدىنىمىزدىن ئېلىۋەتسەك بولىدۇ. بەدىنىمىزدىكى پۈتۈن سالجىلارنى يوقىتىۋىتىشكە دىققەت قىلىشىمىز لازىم، ئەگەر مۇمكىن بولسا قىسقۇچ ئارقىلىق سالجىنىڭ بىزنى چىشلەپ تۇرغان ئېغىز قىسمىنى قىسىپ ئالىمىز، لېكىن قىسىپ ئېلىش جەريانىدا ئۇنى پارچىلىۋەتمەسلىكىمىز لازىم.سالجىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى قولىمىزنى دەرھال يۇيىۋىتىشىمىز لازىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى سۇيۇقلۇق ۋېرۇس ئېلىپ يۈرۈشى مۇمكىن. يارا ئېغىزى ساقايغۇچە ھەر كۈنى يارا ئېغىزىنى تازلاپ تۇرىشىمىز لازىم. ئەگەر سىز كانا بار جايدا تۇرۇپ قالسىڭىز تېرىڭىزنى سوپۇنلاپ كۆپرەك يۇيۇپ بېرىڭ.
ئەگەر ھەسەل ھەرىسى ياكى ھەرە چېقىۋالغان بولسا، دەرھال ئۇلارنى قوغلىۋىتىشىمىز لازىم، ئەگەر زەھەرلىك سۇيۇقلۇق تېرىمىز ئىچىدە قالغان بولسا، تىرناق ياكى تىغ بىلەن قىرىۋىتىمىز. مەيلى قول ياكى قسىقۇچ ئېشلىتىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى قىسماسلىقىمىز ياكى كۈچەپ باسماسلىقىمىز لازىم، چۈنكى چىڭ قىسساق ئۇلارنىڭ زەھىرى يارا ئېغىزىغا كىرىپ كېتىدۇ. سوپۇن سۈيى بىلەن ھەرە چىقىۋالغان جاينى پاكىز تازلاپ يۇيۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇز پارچىسى ياكى سوغۇق لۆڭگىنى يارا ئېغىزىغا قويۇش لازىم.
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەزى ھاشارەتلەرنىڭ زەھىرىگە سەزگۈرلىكىنى بىلسىڭىز ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى ئېلىۋىلىڭ.
سىز تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ ھاشارەتلەر چاققاندىن كېيىنكى قىچىشىش ياكى باشقا بىئارامچىلىقنى تۈگىتەلەيسىز: سوغۇق بولغان لۆڭگە، لاي ۋە ئوت-چۆپ (ئوتۇن) كۈلى ئارىلىشىپ ھاسىل بولغان يىلىمسىمان ماددا، مامكاپ سۈيى، كوكۇس ئېتى (گۆشى)، ياكى سامساق قىيامى قاتارلىقلار.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى