1.8K
جۇغراپىيىلىك قېيىن شارائىت دېگىنىمىز، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە دائىمىي ئىش-ھەرىكەتىنى ئېلىپ بېرىشتا ياشاپ ئادەتلەنگەن ئەسلىدىكى جۇغراپىيىلىك شەرت-شارائىتلارنىڭ ئەكسىچە ھالەتكە ئۆزگىرىپ ئىنساننىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قاتتىق تەھدىت ئاستىدا قالدۇرغان، داۋاملىشىش ۋاقتى ھەر خىل بولغان ھەر خىل ھالەتتىكى جۇغراپىيىلىك شەرت-شارائىتلارنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن: سۇسىز، يېمەك-ئىچمەكسىز، تىببىي ياردەمسىز قېلىپ قېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش.
بىز دالىدا ياشاش جەريانىدا يۈزلىنىشىمىز مۇمكىن بولغان قىيىنچىلىق شارائىتلار:
- قەھرىتان سوغۇق: سوغۇق بىزنىڭ ئىش ئۈنۈمىمىزنى تۆۋەنلتىۋىتىپ، تەپەككۇرىمىزنى ئاستىلىتىۋىتىدۇ، كاللىمىزنى پەقەت ئىسىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ باشقا ئىشلارنى قىلىشتىن توسۇپ قويىدۇ. بۇ خىل شارائىت ئادەمنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئاستىلىتىپ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ، بۇ خىل ئاقىۋەت خەتەرلىك. شۇڭا قەھرىتان سوغۇق بىزنىڭ ئىرادىمىزنى بوشىتىپ، ھەركەت ئىقتىدارىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن سوغۇقتىن دالدىلىنىدىغان جاي تېپىپ، ئوت يېقىپ ئىسىنىش كېرەك.
- پىژغىرىم ئىسسىق: ئىسسىققا كۆنەلمەسلىكنىڭ بىردىن-بىر ئالامىتى ئاجىزلىق، لېكىن بىز ئىسسىق تېمپۇراتۇرغا ئاستا-ئاستا ئادەتلىنەلەيمىز، ئىككى كۈندىن ئالتە كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتا قان ئايلىنىش، نەپەس، يۈرەك رېتىمى ۋە تەر بەزلىرىنىڭ تەر ئاجرىتىپ چىقىرىشى قاتارلىقلارمۇ بۇ خىل ئىسسىققا كۆنەلەيدۇ. يۇقىرى تېمپۇراتۇرلۇق، قۇياش نۇرى تىك چۈشىدىغان ئورۇندا تۇرغاندا باشنى بىر نەرسە بىلەن ئورىۋىلىش كېرەك. ئەگەر شارائىت يار بەرسە بىر كۈن ئىچىدىكى تېمپۇراتۇرا ئەڭ يۇقىرى ۋاقىتتا ھەركەت قىلماسلىق كېرەك.
- ئۇسسۇزلۇق: دالىدا ھايات كەچۈرۈشتە ئەڭ ئېغىر بولغان ئىككى مەسىلە ئۇسسۇزلۇق ۋە سۇسىزلىنىش. ئۇسسۇزلۇق بۇ ئېغىر مەسىلە بولمىسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ ئىنكاسىنى ئاستىلتىۋىتىدۇ. سۇ يېتەرلىك بولسا بۇ خىل شارائىتتا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك، بولۇپمۇ تاماق ۋاقتىدا كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش كېرەك. ئەگەر سۇ يېتەرلىك بولمىغاندا ئۇزۇقلۇقنىڭ بەدەندىكى سۈمۈرۈلۈش مىقدارى ئازلاپ كېتىدۇ. چۈنكى بەدەن ئارتۇقچە سۇدىن پايدىلىنىپ يېمەكلەردىكى كېرەكسىز تەركىبلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا سۇسىزلىنىشنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرىۋىتىدۇ. شۇڭا يېتەرلىك سۇ بولغاندا ئاندىن خالىغان ۋاقىتتا سۇسىزلىنىش ھالىتىدىن ئەسلىگە كەلگىلى بولىدۇ.
- ئاچلىق: ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ يۈرۈش ئادەمنىڭ بەدىنىنى بوشاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئادەمنىڭ قىينچىلىقتىن چىقىپ كېتىش ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئەگەر داۋاملىق ئاچ ياكى تاماق شارائىتى ياخشىلىنىشقا ئىرىشمىگەندە، ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە ئاچلىق تۆۋەندىكىدەك كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: ياداش، ئاجىزلاش، باش قېيىش، شوك ، يۈرەك سوقۇشى ئاستىلاش، سوغۇقتىن قورقۇش ۋە ئاسان ئۇسساش قاتارلىقلار.
- چارچاش: چارچاش ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇپ قويىدۇ ھەمدە ئادەمنى ھىچنىمىگە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. كۆپ كۈچەش، كۆپ ھەركەت قىلىش ۋە نېرۋىدىكى داۋالغۇش چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزى بىر پىسخىكىلىك ئامىللار يەنى، ئۆمىدسىزلىنىش، نىشانى بولماسلىق، نارازىلىق، ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچراش كەيپىياتى ۋە زېرىكىش قاتارلىقلار چارچاشنى تېزلەشتۈرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، چاچاشنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ئارام ئېلىش.
- زىرىكىش: تەكرارلىق ۋە بىر خىللا بولۇش، زىرىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىككى چوڭ سەۋەپ. بۇلار ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى يوقىتىىپ، ئادەمنى جىددىيلەشتۈرىدۇ ھەمدە ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئاسانلا روھسىزلىنىپ، قۇتۇلۇش ئۈمىدىنى يوققا چىقىرىۋىتىدۇ. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىزدە چوقۇم بىر نىشان ھايات قىلىش، قەلبىڭىزدە بولىشى كېرەك.
- يالغۇزلۇق: يالغۇز بىر ئادەم قىيىنچىلىقتا ياكى خەتەرلىك شارائىتتا، دائىم بىر خىل بىسم يەنى يالغۇزلۇق بىسىۋالىدۇ. بۇ يالغۇزلۇق سزنى ياردەمسىز ۋە ئۆمىدسىز ھالەتتە قالغاندەك كەيپىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى