ھاۋا ئارمىيەسى تۇنجى بولۇپ فىرانسىيەدە تەشكىللەنگەن بولۇپ، 1793-يىللىرىدىكى فىرانسىيە چوڭ ئىنقىلابى مەزگىلىدە، فىرانسىيە تۇنجى بولۇپ ھاۋا ئارمىيەسى تەشكىللىگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى ئايروپىلان كەشىپ قىلىنمىغان بولۇپ، ئۇچۇش ئەسۋابى بولسا گاز قاچىلانغان چوڭ شار ئىدى، شۇ ۋاقىتلاردا گاز شارى ئارمىيىسى دەپ ئاتالغان. ئۇ ۋاقىتلاردىكى گاز شارلىرىنى يىراققا ئۇچۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يەرگە چىگىپ قوياتتى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى پەقەت رازۋىتكا قىلىش ئىدى. تۇنجى قېتىم قاتناشقان جېڭى بولسا مەنبرۇگ جېڭى بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا گوللاندىيە ۋە ئاۋىسترىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى مەنبىرۇگنى قورشىۋالغان بولۇپ، فىرانسىيە قوشۇنى تۇنجى قېتىم گاز شارى ئەۋەتىپ يەر يۈزىدە جەڭ قىلغۇچى قىسىملارنىڭ ھەركىتىگە ياردەمدە بولغان. بىرلەشمە ئارمىيە ئۆزىنىڭ ئۈستىدە بۇ گاز شارلىرىنى كۆرۈپ، ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەركەتلىرىنىڭ فىرانسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن كۈزىتىلىشتە ئىكەنلىكىنى ئۇققىنىدىن كېيىن، قوشۇننى چېكىندۈرۈشكە باشلىغان، مەنبىرۇگ مۇھاسىرىسى ھەم شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان. فىرانسىيە قوشۇنى باشقا جەڭلىرىدە ھەم مانا بۇ باشقا دۆلەتلەر قوللىنىپ باقمىغان يېڭىچە قورالنى قوللىنىش ئارقىلىق غەلبە پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن تارتىپ باشقا دۆلەتلەر ھەم بەس-بەستە يەرگە ئارغامچا بىلەن چىگىپ قويىلىدىغان گاز شارلىرىنى قوللنىشقا باشلىغان ۋە مەخسۇس ئەسكەرلىك تۈرى تەئسس قىلغان. كىيىن گىرمانىيە قوشۇنى دىرژابىلنى جەڭ ئىشلىرىغا قوللىنىشقا باشلىدى. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى ھەقىقى مەنىگە ئىگە تۇنجى ئايروپىلاننى ئاكا-ئۇكا رايىتلار كەشىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانىيەتتە تۇنجى قاناتلىق ئەسۋاب كەشىپ قىلىپ ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ باققىنى 9-ئەسىرلەردە(مىلادىيە 810~887) ئەندەلۇس دۆلىتىدە ياشىغان «ئابباس ئىبنى فەرناس» دېگەن ئالىم، بۇ كىشى كۆپ ئىزدەنگەن ھەمدە قۇشلارنىڭ ئۇچۇش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ قانات ياساپ ئۇچۇش سىنىقى ھەم ئېلىپ بارغان، ئاخىرىدا بولسا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى سىناقنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇشنى توختاتقان. ئايروپىلاننى تۇنجى جەڭگە ئىشلەتكىنى ئىتالىيە ئارمىيەسى بولۇپ، بىرىنجى دۇنيا ئۇرىشىدا ئوسمان خىلافىتىگە قارشى قوللانغان.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى