9-ئاينىڭ 20-كۈنى روسىيە يېڭىدىن ياسىغان لادا دەرىجىلىك 667تىپلىق ئاددى يېقىلغۇلۇق سۇئاستى كېمىسى ساينت پېتىربرۇگنىڭ دېڭىز ئارمىيە كېمىسازلىق زاۋۇتىدا سۇغا چۈشىرىلدى. بۇ كېمە 2005-يىلىدىن باشلاپ ياسىلىشقا باشلىغان، ئوتتۇرلۇقتا ئىقتىساد كەمچىل بولغانلىق تۈپەيلى ياسىلىش خىزمىتى بىر مەزگىل توختىتىپ قويۇلغان بولسىمۇ كېيىنچە يەنە مۇۋاپىقىيەتلىك ياسىلىپ چىققان.
بۇ سۇئاستى كېمىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 66.8مېتىر، كەڭلىكى 7.1مېتىر، 35كىشى خىزمەت قىلىدۇ، ئەڭ زور چۆكۈش چوڭقۇرلىقى 300مېتىر، سۇ ئاستىدىكى سۈرئىتى سائىتىگە 21 دېڭىز مېلى (38كېلومېتىر ھەر سائەت)
”بىرلەشمە كېمىسازلىق شىركىتى“ باش رەئىسى ۋېكتور.چېركوفنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىلگىرى ياسالغان 877تىپلىق سۇئاستى كېمىلىرىنى ”قارا ئۆڭكۈر “ دەپ ئاتىساق، بۇ كېمىنى يوشۇرۇنچانلىققا ئىگە دەپ ئاتاشقا بولىدىكەن. چۈنكى بۇ كېمىنى بايقاش ۋە ئاۋازىنى ئاڭلاش قىيىن ئىكەن.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى