تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرگىنىڭىز ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە مەشىق تۈرى بولۇپ، ماشىنا ئۆرۈلۈپ دومۇلاپ كېتىش ھادىسىگە تەقلىدى قىلىپ ياسالغان مەشىق ئۈسكىنىسى ئارقىلىق ئەسكەرلەرنىڭ ماشىنا ئۆرۈلۈپ كەتكەندە قانداق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسەد قىلىنىدۇ. بۇ مەشىق ئۈسكىنىسى بىر دانە ھاممىر ماشىنىنىڭ ماشىنا گەۋدىسىنى ئايلانما ئوقتا پىقىرىتىش ئارقىلىق ماشىنا دومۇلاپ كېتىشكە تەقلىد قىلىنىدۇ. ئېراق ۋە ئافغانىستاندىكى جەڭلەردە يول بويىدا ئورۇنلاشتۇرىلغان مىنالار ئامىرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى بولۇپ قالغان، ھەتتا ئەڭ ئاددىي ياسالغان مىنالارمۇ ماشىنى ۋەيران قىلالمىغىنى بىلەن ماشىنىنى ئۆرۈۋەتكىدەك كۈچكە ئىگە بولغاچقا ، بۇ خىلدىكى مەشىقلەر ئارقىلىق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋاللارغا ماسلىشىش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەد قىلغان.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى