1.7K
دېڭىز ئارمىيەسى كېمىسازلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ جەڭ قىلىش تۈرلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە دېڭىز ئارمىيەسى ئىزچىل سۇ ئۈستىدە جەڭ قىلىشنى ئاساسلىق ئوبىكتىۋى قىلاتتى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە سۇئاستى كېمىلىرى، ئاۋىئاتسىيە قىسىمى قاتارلىق يېڭى تۈرلەر، تورپىدا، سۇ مىناسى قاتارلىق يېڭى قوراللارنىڭ پەيدا بولىشىغا ئەگىشىپ دېڭىز ئۇرۇشى سۇ يۈزىدە، سۇ ئاستىدا ۋە ھاۋادا ئېلىپ بېرىلىدىغان سىتىرولۇق جەڭگە ئايلىنىپ كەتتى. ھازىرقى دەۋىردىكى جەڭ ئېھتىياجلىرىگە ئەگىشىپ دېڭىزدا جەڭ قىلغۇچى ھەر خىل گۇرۇپپىلار بارلىققا كەلدى.
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى