مىلادىيە 625- يىلى مەككە مۇشرىكلىرى ئەتراپتىكى قەبىلىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، بەدىردىكى ئۆلگەن مۇشرىكلارنىڭ ئىنتىقام ئوتىدا يانغان 3000 كىشىلىك بىرلەشمە قوشۇن تەييارلىدى.
بۇ ئۇرۇشتا بىر تۈركۈم مۇشرىكلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى نىشان قىلىپ ھۇجۇم باشلىدى. مۇسۇلمانلار بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئېتىلغان ئوقلارغا ئۆزىنى ئېتىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى قالقان قىلغان ئىدى.
بۇ كۈندە… يەنى ئۇھۇد كۈنى مۇئمىنلەردىن 70 كىشى شەھىد بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەمزە ۋە مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردەك يىگىتلەرمۇ بار ئىدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماي غەنىيمەت ئۈچۈن تاغ تۆپىسىدىن چۈشكەن ساھابىلەر مەغلۇپ بولۇش سەۋەبكارى بولغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق قايغۇغا چۆمگەن ئىدى.
ئۇھۇد جېڭى |
چۈشۈرۈش |
بۇ فىلىم بالىلارغا ئىسلام تارىخىنى ئۆگىتىشتىكى ئەڭ ياخىشى تاللاش بولغۇسى…….