ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ 16-سېنتەبىردىكى دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بولغان ھەپتىدە ئامېرىكا خام نېفىت ئامبار زاپىسى تۆت مىليون 400 مىڭ باك ئازلىغان. بازار مۆلچەرى بىر مىليون 800 مىڭ باك ئازلىغان.
15-سېنتەبىر كەچتە ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىلىك خام نېفىت ئامبار زاپىسى توققۇز مىليون 500 مىڭ باك ئازلىغان.
نيۇيورك تاۋار بىرژىسىدا 10-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان غەربىي تېكساس ئوتتۇرا سۈپەتلىك خام نېفىت (WTI) قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى 1.88 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى %4.9 بولدى، ھەر باكى 40.16 ئامېرىكا دوللىرىدا بازار يېپىلدى.
لوندون قىتئەلەر ئارا تاۋار بىرژىسىدا 11-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان برېنت خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى 1.69 ئامېرىكا دوللىرى ئۆسۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى %4.2 بولدى، ھەر باكى 42.22 ئامېرىكا دوللىرىدا بازار يېپىلدى.