2.5K
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز، ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپقالدى ئەنە نەۋرىمىز،
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز، ئەمدى چۇڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.
قالدى ئىز چۆللەر ئارا، گاھى داۋانلاردا يەنە،
قالدى نى-نى ئارسلانلار، دەشتى چۆلدە قەبرىسىز، قەبرىسىز قالدى دېمەڭ يۇلغۇن قىزارغان دالادا،
گۈل چېچەككە پۈركىنۇر، تاڭلا باھاردا قەبرىمىز،
قالدى مەنزىل قالدى ئىز، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى، چىقسا بوران، كۆچسە قۇملار ھەم كۆمەلمەس ئىزىمىز،
توختىماس كارۋان يولىدىن، گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق،
تاپقۇسى ھېچ بولمىسا، بۇ ئىزنى بىركۇن نەۋرىمىز يا ئەۋرىمىز،