سىياسىي ماقالىلەرشېئىرلار

ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئۆمۈر مەنزىلىدە ئىستەپ غۇبارسىز چىن ھەقىقەتنى ،

 قەلەندەردەك كېزىپ يۈردۈم چېكىپ مىڭبىر مۇشەققەتنى .

ۋە لېكىن يوق ئىكەن تۈز يول تېپىشتا ئۇشبۇ مەقسەتنى ،

تېڭىرقاپ ئۆتتى كۆپ ئۆمرۈم چۈشەنمەي سىرى ھېكمەتنى ،

ئىشىت دىلبەر ، بايان ئەيلەي ساڭا بۇ ھەقتە سۆھبەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

تۇغۇلغاچ ئىككى مۆمىندىن ، ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل ،  يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل .

نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل ، 

ئاقۇر كۆزياشلىرىم گويا بولۇپ ئېرتىش ۋە ياكى نىل ،

جاەاندا چەكمىگەي ھېچكىم مېنىڭدەك كۆپ نادامەتنى !

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

يا ھەققە ئەتمىدىم قۇللۇق ، يا ئەلگە قىلمىدىم خىزمەت ،

 بېغىمغا كۈز يېتىپ كەلدى ، قولۇمدىن كەتتى كۆپ پۇرسەت .

ھەمىشە ئۆرتىبان دىلنى يېلىنجاپ بىر ئەلەم – ھەسرەت ،

 ئازابلاپ كېچەيۇ –  كۈندۈز قىلۇر جانىمنى بىتاقەت ،

راۋادۇر قانچىلىك قىلسام ئۆزۈمگە دوق – مالامەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

ئانا يۇرتۇم بېرىپ ئاق سۈت ، بېقىپ ئۆستۈردى مىڭ ئاسراپ ، 

ئاۋايلاپ مايسىدەك ھەر تاڭ چېچىپ باشىمغا زەر ئاپتاپ .

بېرىپ تىل ھەم ئەقىل – ئىدراك ، قاتارغا قوشتى يول باشلاپ ،

قاناتى ئاستىغا ئالدى ئېغىر ك ۈنلەردە مىڭ -مىڭلاپ ،

نېچۈكمۇ ياندۇرارمەن بۇ ئانالىق مېھىر –  شەپقەتنى !

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

باھارنى كۈيلىشەر قۇشلار چېغىدا ەەر سەھەر دەمدە ،

 نېمىشقا بولمىسۇن بىر ھېس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە ؟ 

ۋەھالەنكى ، ئادا بولماي ھېسابسىز قەرز بۇ زىممەمدە ، 

ھامان قاينامدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمان ئابى دىدەمدە ،

  ئۆمۈرنى زايە قىلما سەن ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

خىيالىم دېڭىزى تىنماي تېشىپ مىڭ چايقىلىپ قايناق ، 

كېچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق .

چىقاردىم بىر يەكۈن ئاخىر ئۆمۈر مەنزىلىدىن شۇنداق ،

ئۆمۈردۇر بىر كۈرەش ، ھەرگىز ئەمەس ئۇ بىزگە ئاۋۇنچاق ، 

يولاتما ئەي كۆڭۈل ئەمدى ئۆزۈڭگە زەررە غەپلەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

پىكىر دەرياسىغا قانچە تىرەن چۆمگەنسېرى ھەر تۈن ، 

كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ، تارقىدى ئەپسۇن .

ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق ، دىلىمدۇر ناتىۋان ، مەھزۇن ،

 ۋە لېكىن جان كىتابىغا قوشۇلدى يۈز تۈمەن مەزمۇن ،

شۈكۈركىم ، قوغلىدى مەڭگۈ يورۇق تاڭ قارا زۇلمەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

تەپەككۇر كۆزىلە باقساڭ ئەگەر ئالەمگە بىر كەررە ، 

ئەمەستۇر خالىي ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە .

چۈمۈلە چېغىدا تىنماي تاپۇر ئۆز ئەجرىدىن مەررە ،

 كىشكىم بىلسە بۇ بەلكى خەزىنە سىرىدىن زەررە ،

پىكىر قىل ھەم چۈشەن ، ئۆگەن بۇ جانلىق سىرى ھېكمەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

بىلىپ يەتكەنسېرى ئىنسان ھاياتنىڭ سىرىنى كۆپرەك ، 

كۆڭۈل روشەنلىشىپ ئاندىن چۈشەنگەي ئۆزىنى خوپراق .

مىسال قارغۇ نېچۈك بىلسۇن قۇياش قانداقۇ ئاي قانداق ،

بىلۇر ، ئەمما گۆدەك ھەتتا نېچۈكتۇر گۈل ، نېچۈك ياپراق ،

  دېمەككى ، مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلۇ – پاراسەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم ، بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن ، 

تۇغۇلماق ، سوڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن .

لېكىن نەدە ، قاچان ، قانداق ئۆلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن ،

يېشىلمەس بىر تۈگۈن بولدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى – دەۋراندىن ،

 غەنىيمەت بىل ئادەمزاتقا بىرەر تۆھپە ۋە خىزمەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

جاھان باقى ئەمەس ، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان ، 

مىسالدۇر رۇمى ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان .

كېلىپ – كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھېساب كارۋان .

ئۆتەر دۇنيا ، كېچەر دۇنيا ، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران ،

 ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

تۇغۇلغان ھەر بوۋاق يىغلاپ چۈشەرمىش يەرگە ئادەتتە ،

 ئەجەل كەلسە يەنە يىغلاپ كېتەرمىش كىشى ھەسرەتتە .

ۋە لېكىن يىغلىماي كەتكەن كىشىلەر ھەم بار ئەلۋەتتە ،

 كى شەرمەندە قىلىپ ھەر دەم ئۆلۈمنى جەڭگىۋار سەپتە ،

 نە يەڭلىغ بەخت ئىدى بىزگە ،ئەگەر تاپساق شۇ پۇرسەتنى . 

يېتىپ كۈز ، سوغ شامال تەگكەچ ، غازاڭ بولغان كەبى ياپراق ، 

ئۆمۈر مەنزىلىدە ئاخىر بولۇرمىز بىر دۆۋە تۇپراق .

بۇ تۇپراقتا ئۈنەر بەزەن تىكەن ياكى خۇنۈك قامغاق ،

ئېچىلغاي بەزىدە گۈللەر ، چېچىپ خۇش ئەترىنى ھەر ياق ، 

دېمەك ، ھەر كىم بېرۇر شەخسەن ئۆمۈرگە ئۆزى قىممەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

كىشى قىسمەتنى بىلمەيدۇ سوراپ ھەتتا سۇھەيلىدىن ،

 تاپۇر ئىززەت ۋە يا كۈلپەت كۆڭۈلنىڭ زەۋقى مەيلىدىن .

نېمە تەرسە شۇنى ئالماق بولۇر ئۆز خۇيى –  پەيلىدىن .

نە بولدى ھالى فىرئۇننىڭ تەكەببۇرلۇق تۈپەيلىدىن ، 

ئۇرۇقنى تاللىماي چاچساڭ ، تىكەن باسقاي زىرائەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

ئۆمۈر گويا ئېرۇر بىر شام ، تۈگەر ئەلۋەتتە كۆيگەنچە ،

 ئاشار قەدرى لېكىن شۇنچە ئېرىپ جىسمى تۈگىگەنچە .

كۆرۈڭكى ، ئاشىقى پەرۋان كۆيۈپ ئىشقىدا مىڭ – مىڭچە ، 

تەسەددۇق ئەيلىدى جاننى كېچە شام نۇرىغا شۇنچە ، 

ئۆمۈر مەنزىلىدە كاشكى ، كىشى تاپسا شۇ قىسمەتنى .

–––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––––

بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ، ئەمما ، 

نامايەندۇركى ، قۇياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا .

مۇخەممەس ئەلگە يەتكۈزسە ئۆمۈر چىنلىقىدىن مەنە ،

مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن ، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا ، 

كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button