مۇتەخەسىسلەر چىش ۋە چىشنىڭ ئەتراپىدىكى گۆشلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
🍼 1. سۈت: سۈت سۆڭەڭلەرنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولغىنىغا ئوخشاش، چىشلارنىڭمۇ كالسىي ماددىسىنى كۈچلەندۈرۈشتە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا چىشقا ئالاقىدار باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېڭەڭ سۆڭەكلىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ. يېقىنقى زاماندىكى تىپ ئىلىمىنىڭ ئىلگىرلىشى بىلەن سۈتنىڭ يەنە بىرمۇنچە كېسەللىكلەرگە شىپالىق رولى بارلىقى ئاشكارلانماقتا.
🐠 2. سومون بېلىقى: سۇمۇن بېلىقى ۋە ئۇسكۇمرو قاتارلىق بېلىقلار ، چىش ۋە چىش مېلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا كېرەكلىك بولىدىغان كالسىيوم مىقتارى ئەڭ كۆپ بولغان ئوزۇقلۇقتۇر. سومون بېلىقىدا مەۋجۇت بولغان ۋىتامىن د ئېغىز ساغلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بولۇپمۇ، كىچىك بالىلارنىڭ چىشلىرىنىڭ يېتىلىشىدە ئالاھىدە رولى بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغىنى سومون بېلىقىدۇر.
🍊 3. بورتىقال: بورتۇقال ۋە بورتۇقال تۈردىكى مېۋىلەر،توقۇلمىلارنى كۈچلەندۈرگىنىدەك چىش مېلىكىنىڭ ساغلام بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا ، چىشلارنىڭ يالۇغلۇنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بورتىقالنىڭ ئىچىدىكى فولۇرۇننىڭ سەۋەبى بىلەن چىشنىڭ سىرتقى يۇزى قاپلىنىشى مۇستەھكەم بولۇپلا قالماي، ئېغىز ئېچىدە ھاسىل بولۇدىغان ئېچىتقۇچلارغا قارشى چىشلارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
🍓 4. بۆلجۈرگەن: بۆلجۈرگەن پورتىقال ۋە باشقا تالالىلىق مېۋىلەرگە ئوخشاش ۋىتامىن س تەرەپتىن ئىنتايىن مول بولغان مېۋىدۇر. چىشنىڭ ئەتراپىدىكى مېلىكلەرنى ۋە چىشلارنىڭ بىر پۈتۈن تۇرۇشىنى ساقلايدۇ. پىشىدىغان مەۋسۈمىدە پىشقان بىر بۆلجۈرگەننى ئېزىپ ئۇنىڭ بىلەن چىشلارنى چوتكىلىغاندا چىشلارنىڭ ئاقىرىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
🌊 5. سۇ: سۇ ئېغىزدىكى يېيىلگەن نەرسىلەرنىڭ قالدۇرقلىرىنى تازىلاشتا ئالاھىدە ياردەمچىدۇر. ئېغىزدا تۈكۈرۈك پەيدا بولۇشىدا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. تۈكۈرۈكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدىن بىرى چىشنىڭ چۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. سۇ يەنە چىش مىلىكلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ۋە چىشنىڭ چىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.