ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتايغا تەۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى «TikTok» نىڭ ئامېرىكىدىكى شۆبىسىنى «Oracle-Walmart» شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ سېتىۋېلىش بەلگىلىمىسى ھەققىدە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سودا مىنىستىرلىقى «TikTok» نى چەكلەشكە دائىر بايانات ئېلان قىلدى.
كۆرۈلگەن ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرگە ئاساسەن ۋە تىرامپنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسنىڭ 20 – سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلماقچى بولغان «TikTok» نى چەكلەش ئۇقتۇرۇشىنىڭ 27 – سېنتەبىرگە كېچىكتۈرىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 18 – سىنتەبىردە، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى ئاساس قىلىپ، خىتايغا تەۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئەپلىرىدىن «TikTok» ۋە «WeChat» نى 20 – سېنتەبىردىن ئېتىبارەن چۈشۈرۈپ قاچىلاش چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مەنبە: ت ر ت