ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تېھران ھۆكۈمىتىگە يۈرگۈزۈلگەن يېڭى جازا ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
ئىراننىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن يادرو كېلىشىمى دەپ ئاتالغان بىرلەشمە ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت پىلانى (JCPOA) دا بايان قىلىنغان شەرتلەرگە بويسۇنمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان پومپېيو: «كۆرسىتىلگەن ئېتىبارلار تارىختا بۇ خىل ھاكىمىيەتنى كۈچەيتتى» دېگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللاندى.
بۇ سەۋەبتىن ، پومپېيو ب د ت تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان جازانى بۈگۈندىن باشلاپ قايتا يۈرگۈزدىغانلىقىنى، ھەمدە ب د ت نىڭ 1696 ، 1737 ، 1747 ، 1803 ، 1835 ۋە 1929-يىللىرىدا چىقارغان بارلىق ئىمبارگولارنى يۈزگۈزدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پومپېيو تۆۋەندىكى بايانلارنى قوللاندى:
ئىراننىڭ JCPOA دا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى قۇبۇل قىلىشتىكى تۆۋەن ئىپادىسى ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن قورال جازاسىنى 13 يىل ئۇزارتماسلىقى ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىنى چىقىرىشىغا سەۋەب بولدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، پومپېيو ب د ت دىكى بارلىق دۆلەتلىرىنى يېڭى جازا قارارىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىردى ۋە قورال ئېمبارگوسىدىن باشقا ، ئىراننىڭ ئۇران قويۇقلاندۇرۇش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئېلىپ بېرىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ياكى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى يۆتكەشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەگەر ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئۇ قارارغا ئەمەل قىلمىسا ھەمدە ئىران بىلەن كونكرېت مەسىلىلەردە ھەمكارلاشسا، ئۇ دۆلەتلەرگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى جازانىڭ يولغا قويۇلۇشى خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئۈچۈندۇر. 2015-يىلدىكى يادرو كېلىشىمى ئىراننى ۋەدە قىلغاندەك خەلقئارا جەمئىيەتكە قاتنىشىشقا سەۋەب بولماستىن ئەكسىچە، ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك دىننى كىشىلىىرى ئۆزلىرىنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ يەمەن ، ئىراق ، لىۋان ۋە سۈرىيىدە ئۆلۈم ۋە بۇزغۇنچىلىققا يول ئاچىتى ». دېدى.
ئامېرىكا ئالدى بىلەن ئىراننىڭ JCPOA دا بايان قىلىنغان ئۇران زاپىسىدىن 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە BMGK نىڭ «بۇنىڭغا كۆز يۇمدى» دەپ ئەيىبلىدى.
مۇشۇنداق قارار چىققان بىر پەيىتتە فرانسىيە ، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەدىن تەركىب تاپقان E3 ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ جازا قارارىنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىش يولىنى تاللايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئامېرىكا بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققان
JCPOA بولسا ئىراننىڭ يادرو پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە جازانى بىكار قىلىش ئۈچۈن ، 2015-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، فرانسىيە ، روسىيە ۋە خىتاي شۇنداقلا گېرمانىيە ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ، ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ، ئىرانغا جازا يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.
ب د ت نىڭ ئىرانغا قاراتقان يۈگۈزگەن 13 يىللىق قورال ئېمبارگوسى 18-ئۆكتەبىر توشىدىغان بولۇپ ئامېرىكا بۇ ئېمبارگونى ئۇزارتىشنى ب د ت دىن تەلەپ قىلدى. ئالدىنقى ئايدا بۇ تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولغان ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىكى ۋەدىسىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ ، كېڭەشنىڭ 2231-نومۇرلۇق قارارىدا بىكار قىلىنغان بارلىق جازانىڭ قايتا ئىجرا قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان مېخانىزىمنى يولغا قويدىغانلىقى بىلەن دەپ تەھدىد سالغان.
ئىران بىلەن كېلىشىمگە قاتناشقان ياۋروپا ئىتتىپاقى ، روسىيە ۋە خىتاي ئامېرىكىنىڭ 2018-يىلى ئىران بىلەن تۈزگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ، كېلىشىمگە قاتناشمىغان دۆلەتنىڭ جازانى قايتا يولغا قويۇلۇشىغا رۇخسەت قىلىدىغان مېخانىزىمنى يولغا قويالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مەنبە: ئانادولو ئاگېنتلىقى