«مۇلەن» فىلىمى يېقىندا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بىلەت كىرىمى جەھەتتە ئاپەت خاراكتېرلىك مەغلۇبىيەتكە دۇچ كەلدى. گەرچە لىيۇ يىفېي باش رول ئالغان بۇ فىلىمنىڭ ئاخىرى «شىنجاڭ» تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە تۇرپان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەقدىرلەنگەن بولسىمۇ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۆزىنى كۆرسىتەلمىدى. ئەكىسچە، خىتاي تەشۋىقات تارماقلىرى ئۇنى تەشۋىق قىلىشنى چەكلىدى.
دىسنېي فىلىم شىركىتى تۇرپاندا ئىشلىگەن «مۇلەن» فىلىمى 4-سېنتەبىر كۈنى قويۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن تۇرپاندىكى لاگېرلار بىر قىسىم خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ سەۋەبتىن تۇرپانغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا تۇرپاننىڭ شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدىلا 8 ئورۇندا لاگېر بارلىقى دەلىللەندى. مەزكۇر لاگېرلارنىڭ ئۈچىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ساقچى خادىمى بۇ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئاران بىر ئايدا بىر قېتىم بىنا ھاۋالاندۇرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
بۇ فىلمگە قارىتا مۇھاجىرەتتى ئۇيغۇرلار سىرت دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى كىشىلەر «مۇلەن» فىلمىنى بايقۇت قىلىش دولقىنى قۇزغىدى.