خىتاينىڭ خەلقئارالىق ئىنكاسلارغا قارىماي ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىنى كۆپەيتكەنلىكى توغرىسىدا يېڭى پاكىتلار ئوتتۇرىغا چىقتى.
نەق مەيداندىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەكشۈرگەن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتاي ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇرلارغا ئاز دېگەندە 60 يېڭى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى قۇرغان.
ئاننا فىفىلدنىڭ خەۋىرىدە ، قەشقەردىكى ئېگىز تام ۋە قاراۋۇللار بىلەن قورشالغان لاگېر ھەققىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ ، ئۈستىگە قىزىل دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپ تۇراتتى ، 1-ئايدا ئېچىلغان، 5 قەۋەتلىك 13 بىنادىن تەركىب تاپقان بۇ يېڭى ئاتلمىش مەكتەپنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى سىغدۇرالايدىغانلىقى بايان قىلىندى.
ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنى (ASPI) نىڭ تەشەببۇسى بولغان «شىنجاڭ سانلىق مەلۇمات تۈرى» ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، قەشقەرنىڭ بۇ رايوندىكى خىتاي دائىرىلىرى قوللانغان تۈرمە ئون نەچچە تۈرمىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا ، «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ بۇ رايوننى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە ASPI توپلىغان دەلىل-ئىسپاتلارغا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ۋە ئىنكاسىغا قارىماي ، خىتاينىڭ رايوندىكى بېسىم ئىستراتېگىيىسىدە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى ، ئەكسىچە ، بۇ خىل ئادەتنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايوندىكى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرماقتا.
قانداقلا بولمىسۇن ، ASPI تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ناتان رۇسېر ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى باھالىغاندا: «بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرىنىڭ ئېنىق يالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» ۋە بۇنىڭ پەقەت «تۇتۇپ تۇرۇش ئۇسلۇبىدىكى لاگېر» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەۋەرلەردە بۇلتۇردىن باشلاپ نۆلدىن سېلىنغان ياكى كېڭەيتىلگەن لاگېرلارنىڭ كەم دېگەندە 60قا يېتىغانلىقى، لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئېگىز تامدىن باشقا يەنە 5 ھەسسە ئۇزۇن سىملىق تورنىڭ سىزىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ASPI : 380 تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى بار
ئاۋىستىرالىيە ئاقىللار ئامبىرى ASPI باياناتىدا مۇنداق دېدى: خىتاي بۇ رايوندا 380 تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى قۇرۇغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، سۈنئىي ھەمراھ رەسىمى ، گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى ، مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەر ۋە قۇرۇلۇش جەريانىدىكى رەسمىي ھۆججەتلەردىن ئېلىنغان ئىسپاتلارغا قارىغاندا ، 2019-يىلى 7-ئايدىن 2020-يىلى 7-ئايغىچە 61 لاگېر يېڭىدىن سېلىنغان ياكى كېڭەيتىلگەن.
جۇغراپىيىلىك سانلىق مەلۇمات ئانالىزچىسى ۋە بىناكار ئالىسون كېلىڭ ، ژۇرنالىست مېگا راجاگوپالان ۋە رەقەملىك بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى كىرىستو بۇشېكنىڭ ئىككى يىللىق ئىنچىكە باھاسىغا ئاساسەن ، BuzzFeed News دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە ، خىتاي ئىزدەش ماتورى بەيدۇنىڭ خەرىتە سۇپىسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى قاراڭغۇلاشتۇرۇلغانلىقىنە ئوتتۇرغا قۇيغان. بەيدۇنىڭ خەرىتە سۇپىسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى يوشۇرغانلىقىنى ھېس قىلغان گۇرۇپپا ، ئۇلار ئۆزلىرى تەتقىق قىلغان 315 رايوننىڭ ھازىرقى تۈرمە پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ، 4 يىلدا 268 يېڭى لاگېر ياكى تۈرمە قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
مەنبە: Mepa News