روسىيەدە بايقالغان خىتاي ۋىرۇسى «COVID-19» نىڭ سانى 1 مىليون 136 مىڭ 48 گە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭ 56 گە يەتتى.
روسىيە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 7 مىڭ 212 ئادەمدە خىتاي ۋىرۇسى «COVID-19» بايقالغاندىن كېيىن، جەمىئىي يۇقۇملانغۇچىلار 1 مىليون 136 مىڭ 48 گە يەتكەن.
ئاخىرقى كۈندە ، بۇ دۆلەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭ 56 گە كۆپەيدى ، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 934 مىڭ 146 گە يەتتى.
پۈتۈن رۇسىيەدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىلىك ئېشىش نىسبىتى يەنىلا% 0.6 بولۇپ ، يېڭى بىمارلارنىڭ% 25.7 ىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى يوق.
موسكۋادىكى «يىراقتىن» خىزمەت سىستېمىسىغا قايتىشى كېرەك
موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمەت شەھەردىكى دۆلەت ئورگانلىرىنى ئىمكانقەدەر يىراقتىكى خىزمەت سىستېمىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئەگەر يىراقتىن ئىشلەش پۇرسىتى بار شىركەتلەردىن بولسا بۇ جەرياننى تېزرەك ئەمەلىلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان..
موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبياننىن بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ۋىرۇسى «COVID-19» سەۋەبىدىن ، خوجايىنلارنىڭ خىزمەتچىلىرىنى يىراقتىكى خىزمەت سىستېمىسىغا ئالماشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
65 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالارغا ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلارغا ئۆيدىن چىقماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان سوبياننى ئاممىۋى قاتناش ، ئادەم كۆپ مۇھىت ، دۇكان ۋە بازارلاردا ماسكا ۋە پەلەي قائىدىسىگە رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
روسىيەدە تۇنجى خىتاي ۋىرۇسى «COVID-19» يۇقىمى 31-يانۋار بايقالغان بولۇپ، تۇنجى ئۆلۈمى 19-مارت يۈز بەردى.
2020-09-25
مەنبە: TRT