روسىيەدە بايقالغان خىتاي ۋىرۇسى «COVID-19» نىڭ سانى 1 مىليون 143 مىڭ 571 گە ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭ 225 كە يەتتى.
روسىيە خىتاي ۋىرۇسى «COVID-19» يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى «COVID-19» بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 143 مىڭ 571 گە يەتكەن. كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان كۈندىلىك يۇقۇم ئەھۋالى 22-ئىيۇندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى.
ئاخىرقى كۈنلەردە، بۇ دۆلەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭ 225 كە ، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 940 مىڭ 150 كە كۆپەيدى. رۇسىيەدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانىنىڭ كۈندىلىك ئېشىش نىسبىتى% 0.6 تىن% 0.7 كە ئۆرلىگەن.
پايتەخت موسكۋادىكى كۈندىلىك يۇقۇم ئەھۋاللىرى 8-ئىيۇندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. شەھەردە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 1792 ئادەم يېڭىدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، جەمئىي 283 مىڭ 760 گە يەتتى ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 17 مىڭدىن 5گە كۆپەيدى.
روسىيە ئىنسانلار ساغلاملىقى ۋە ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش مۇلازىمەت ئورگىنى (Rospotrebnadzor) نىڭ باياناتىدا ، ئالدىنقى كۈنى 390 مىڭ سىناقنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان سىناقلارنىڭ 44 مىليون 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
مەنبە: ئانادولو ئاگېنتلىقى / ت ر ت خەۋەر «تۈرۈكچە»