قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسىمى قۇرۇقلۇق ئارمىيەگە تەۋە بولغان ئەسكىرى ئاۋىئاتسىيە تۈرى ھېسالىنىدۇ.كۆپۈنچە ھالەتلەردە تىكئۇچار ئايروپىلان ۋە مۇقۇم قاناتلىق ئايروپىلان سەپلەنگەن بولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت ئارمىيەلىرىدىكى ئاۋىئاتسىيە قىسىمىنىڭ ۋەزىپىلىرىدە بەلگىلىك پەرقلەر بولىدۇ، بۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا بولىدۇ. لېكىن ھەممە ئاۋىئاتسىيە قىسىمىغا ئورتاق بولغان ۋەزىپىلەر تۆۋەندىكىچە:
●ئارقا سەپ تەمىنات ئىشلىرى ۋە پىيادە قىسىمنى ھىمايە قىلىش.
●ئىچكى قىسىم ۋە سىرتىدىكى ئىقتىساس ئىگىلىرى ۋە ماددى كۈچلەرنى تاكتىكىلىق ھالدا يۆتكەش.
●تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ۋە تانكىغا قارشى جەڭ ئېلىپ بېرىش.
●ئادەم ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش.
●تىببى ياردەم ۋە دوختۇرخانىغا يۆتكەش.
●كۆپ خىل قىسىملاردىن تەشكىل قىلىنغان قوشۇندا رازۋېدكا قىلىش ۋە ئوت كۈچى بىلەن ھىمايە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەش.
●قىسىملار ئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش.
●ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش.
قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيە قىسىمىغا سەپلىنىدىغان ئەسلىھەلەر:
كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىپ ماڭالىشى ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىئاتسىيە قىسىمى كۆپىنچە تىكئۇچار ئايروپىلاندىن پايدىلىنىدۇ. ئاۋىئاتسىيە قىسىمىدىكى تىكئۇچار ئايروپىلانلارنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە قىسىمغا بۆلىمىز:
- ھۇجۇمچى تىكئۇچارلار: يېقىن ئارلىقتا ھاۋادىن يەر يۈزىدىكى قىسىملارنى ھىمايە قىلىش، ھەمدە دۈشمەننىڭ تانكىلىرىغا قارشى تۇرۇش. بۇ خىلدىكى تىكئۇچار تىپلىرىدىن: AH-64,Mi-28,Ka-50
- توشۇغۇچى تىكئۇچارلار: ئاساسلىق قىلىپ ئەسكەرلەرنى يۆتكەش، ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنى ئارغامچا ئارقىلىق چۈشۈرۈش، يىنىك تىپتىكى ئاپتىموبىل ۋە زەمبىرەكلەرنى يۆتكەش ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ. بۇ خىلدىكى تىكئۇچار تىپلىرىدىن: CH-47,Mi-26
- كۈزەتچى تىكئۇچارلار: بۇ خىل تىكئۇچار ئايروپىلانلارغا سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن بولۇپ، دۈشمەن تەرەپتىكى ھەركەتلەرنى ئېنىقلاش، دۈشمەن نىشانلىرىغا كوردىنات تۇرغۇزۇش قاتارلىق ۋەزىپىلىرى بار. مەسىلەن: OH-58
- كۆپ خىل قوللىنىشچانلىق تىكئۇچارلار: بۇلارنى ۋەزىپىلىرى ھەرخىل بولىدۇ. ھەرخىل ھالەتتە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغىلى بولىدۇ. ھەتتا بەزىلىرىگە يىنىك تىپلىق پىلىميوت ۋە رىئاكتىپ بولبىلار سەپلەنگەن بولىدۇ. بۇ خىلدىكى تىكئۇچار تىپلىرىدىن: UH-60,UH-1
- جىددىي قۇتقۇزۇش تىكئۇچارلىرى: بۇ خىلاىكى تىكئۇچار ئايروپىلانلارغا تىببى ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش ئۈسكىنىسى سەپلەنگەن بولىدۇ، يارىدارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالاتى ئايروپىلان ئىچىدە تۇراقلاشتۇرۇلغاندىن سىرت، تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ ماڭغىلى بولىدۇ.
2020-09-30
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى