توپچى قىسىم بولسا زەمبىرەك، راكىتا، باشقۇرىلىدىغان سىنارەد قاتارلىق قوراللار ئارقىلىق جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىسىم بولۇپ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا پىيادە قىسىم ۋە بىرونىلاشقان قىسىمنى جەڭ ئىشلىرىدا كۈچلۈك ئۆت كۈچى بىلەن ھىمايە قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى تېخىمۇ كۈچكە ئىگە قىلىش.
توپچى قىسىمنىڭ كۈچلۈك بولغان ئوت كۈچى، زەربە بېرىش مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇن بولىشى، نەق تېگىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە يۆتكىلىشچانلىقىنىڭ ياخشى بولىشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىكى مۇھىم بىر ئەسكىرى قۇۋۋەتكە ئايلانغان ھەمدە يەر يۈزى، دېڭىز يۈزى ۋە ھاۋادىكى نىشانلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئوت كۈچى مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. توپچى قىسىمغا سەپلىنىدىغان ئاساسلىق ئەسلەھەلەردىن : ھەرخىل تىپتىكى زەمبىرەكلەر، كاننون توپى، زېنىت توپ، چاقلىق زەمبىرەكلەر، تانكىغا قارشى توپلار، فوزىلىكا، مىنامىيوت(ھاۋۇن)، كاتيۇشا قاتارلىقلار.
2020-09-30
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى