بىرونىلاشقان قىسىمنىڭ يەنە بىر ئىسمى تانكىچى قىسىم بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىكى تانكىنى ئۆزىگە ئاساسلىق ئەسلىھە قىلغان جەڭ قىلغۇچى قىسىمنى كۆرسىتىدۇ. بىرونىلاشقان قىسىم تەركىبىگە بىرونىلاشقان پىيادە قىسىم ، توپچى قىسىم، تانكىغا قارشى سىنارەد قىسمى، ھاۋا مۇداپىيە ۋە خىمىۋىيلىك قوراللاردىن مۇداپىيەلىنىش قىسىمى، قۇرۇلۇش ۋە لاۋازىمەتچى قىسىم قاتارلىق تارماق گۇرۇپپىلار كىرىپ كىتىدۇ. بىرونىلاشقان قىسىم ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئوت كۈچى ئارقىلىق يەر يۈزىدىن شىددەتلىك زەربە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ھەمدە پىيادە قىسىم ئۈچۈن ياخشى بولغان قوغدىنىش ئىمكانىيىتىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. جەڭلەردە باشقا قىسىملار بىلەن يۆتكىلىشچان ھالەتتىكى جەڭ ۋەزىپىلىرىنى ئېلىپ بېرىپلا قالماي، ئادەتتىكى قوراللار ۋە يادرو قوراللىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياننى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازايتالايدۇ. بىرونىلاشقان قىسىمغا سەپلىنىدىغان ئاساسلىق ئەسلەھەلەردىن ھەرخىل ۋەزىپىلىك تانكىلار، بىرونىۋىك، توشىغۇچى بىرونىۋىك، رازۋىتكىچى بىرونىۋىك، جىددى قۇتقۇزۇش بىرونىۋىكى ۋە توشۇغۇچى ئاپتوموبىل (لودىر) قاتارلىقلار.
🔺بىرونە سۆزىگە ئىزاھات: ماشىنا ، پاراخوت، ئايروپىلان ۋە ئىستېھكاملارغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئوق ئۆتمەس پولاي تاختا بىرونە دەپ ناملىنىدۇ. بىرونىۋىك دېگەن ئوق ئۆتمەس ماشىننى ھەم كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە زەنجىر تاپان ۋە يەل تاپان ئىككىلىسى ئوق ئۆتمەس ماشىننىڭ تۈرلىرى ھېسابلىنىدۇ.
2020-09-30
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى