تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇش ئۇغلىدىن «تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا ھەر قانداق ياردەم بېرىشكە تەييار» ئىكەنلىكى تۇغرىىسىدىكى باياتىغا قارىتا روسىيەنىڭ كرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋدىن سورالغاندا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە ، بىز بۇ خىل باياناتلارنى قوللىمايمىز ياكى قوبۇل قىلمايمىز. تۈنۈگۈن ئېيتقىنىمدەك ، ئوتقا ماي چاچماسلىق كېرەك. بىز رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى ۋە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى ھەربىي پائالىيەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز».
روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سەپتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا بايانات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، پېسكوۋ: «بارلىق ئۇچۇرلار ئەستايىدىل تەھلىل قىلىنغان ، بىزمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن خاتىرە قالدۇرىمىز» دېدى.
2020-09-30
مەنبە: Mepa News