ئامېرىكاخەلقئارا خەۋەرلەر

ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسىدە 498 ئەسكەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) تەييارلىغان «يىللىق ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش دوكلاتى» غا قارىغاندا ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 498 ئەسكىرى 2019-يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

دوكلاتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئەسكەرلەرنىڭ 344 ىنىڭ ئاكتىپ  ئەسكەر ئىكەنلىكى ، 154 كىشىنىڭ زاپاس ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئەترىتىدىن ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ 142 ى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە ، 83 نەپىرى ھاۋا ئارمىيىسىگە ، 72 نەپىرى دېڭىز ئارمىيىسىگە ، 47 نەپىرى دېڭىز ئارمىيىسىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. 2018-يىلى ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 326 ئەسكەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەن دوكلاتتا ، بۇ ساننىڭ 2017-يىلى 287 ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

زاپاس كۈچ بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نىسبىتىنىڭكز تۆۋەنلىگەنلىكى بايان قىلىنغان دوكلاتتا ، 2019-يىلى 654 زاپاس ۋە 89 دۆلەت قوغدىغۇچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 154 ئەسكەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى بايان قىلىنغان.

2018-يىلى زاپاس قىسىمدىن 81 ئەسكەر، 2017-يىلى بولسا 93 ئەسكەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى بايان قىلىنغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلارنىڭ سانى 2018-يىلى 136 ، 2017-يىلى 133 دەپ خاتىرىلەنگەن.

2020-10-03

مەنبە: AA – TRT HAWAR

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button