جۈمە كۈنى ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر بىلەن ماراكەشنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ناسىر بورىتا كەلگۈسى ئون يىلدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى.
ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ تولۇق تەپسىلاتلىرى ئېسپېرنىڭ رابات زىيارىتى جەريانىدا ئاشكارىلانمىدى. ئەمما بەشبۇرجەكلىك بىنا ئىككى دۆلەتنىڭ ئامېرىكا ۋە ماراكەش باشچىلىقىدىكى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافرىقا شىر مانېۋىرنى ئاساس قىلىپ ھەربىي ھەمكارلىقىنى «ياخشىلاش» قا يول قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«Al Monitor» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا ئوتتۇرا دېڭىزدا روسىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ۋە موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ ئافرىقىدىكى تەسىر دائىرسىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن شىمالىي ئافرىقىدا ھەمكارلىق ئارقىلىق تەسىر دائىرسىنى كۈچەيىتمەكچى.
2020-10-06
مەنبە: تەكلىماكان خەۋەر مەركىزى