روسىيە <ئوۋچى> دەپ ئاتىغان يېڭى تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانى يەر يۈزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سىناقلىرىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. بۇ يېڭى ئايروپىلاننىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆلچەش سىنىقى قىرىم يېرىم ئارىلى ۋە سىبىريە رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. روسىيە دۆلەت مۇداپىيە ئىدارىسىدىكى بىر شەخىسنىڭ بىلدۈرىشىچە مۇشۇ 10-ئاي بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى پىلانىر چاستوتىسى سىناق باسقۇچى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئوۋچى(Hunter) ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش سىنىقى 2019-يىلى باشلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
ئوۋچى ناملىق ئۇچقۇچىسىز كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ سۇخۇي شىركىتى تەرىپىدىن لاھىيەلەنگەنلىكى مەلۇم بولۇپ، بۇ ئايروپىلاننىڭ بارلىق تېخنىكىلىق مەلۇماتلىرى قاتتىق مەخپى ساقلىنىۋېتىپتۇ. لېكىن ئاممىغا ئاشكارلانغان بىر تەرىپى بۇ ئايروپىلانغا ئالتىنجى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ سۈنئى ئەقىل ئىقتىدارىنى سەپلىگەن. بۇ ئايروپىلاننىڭ كۆتۈرۈلۈش ئېغىرلىقى 20 توننا بولۇپ، روسىيە ھازىرغىچە ياسىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئىچىدىكى ئېغىر تىپلىقى ھېسابلىنىدۇ.
2020-10-11
مەنبە: يۇرتۇغ ئەسكىرى بىلىملىرى